UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئاۋىئاتسىيە - ئالەم ئايروپىلانى دېگەن نېمە؟

ئاۋىئاتسىيە - ئالەم ئايروپىلانى دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن ئىنسانلار ئالەم بوشلۇقىغا قەدەم بېسىشتا، ئەڭ باشتا ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرغان، بۇ توشۇغۇچى راكېتا تەرىپىدىن ئالەم بوشلۇقىغا ئاچىقىلغانىدى. كېيىن، كىشىلەر يەنە ئالەم ئايروپىلانىنى كەشىپ قىلدى، ئالەم ئايروپىلانى توشۇغۇچى راكېتا، ئالەم كېمىسى ۋە ئايروپىلاننىڭ ئەپچىللىك بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈشى بولۇپ، ئۇنى ھەم راكېتاغا ئوخشاش قويۇپ بېرىپ ئالەم بوشلۇقىغا چىقارغىلى بولىدۇ، ئۇنى يەنە ئالەم كېمىسىگە ئوخشاش يەر شارىنى ئايلىنىپ ئوربىتىدا ئۇچۇرغىلى بولىدۇ، ئۇ يەنە ئاۋىئاتسىيە ئايروپىلانىغا ئوخشاش يەر يۈزىگە قونالايدۇ ۋە ئۇچالايدۇ، ئۇنى 100 قېتىمدىن ئارتۇق تەكرار ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئەمما ئالەم ئايروپىلانىنىڭ يەنە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان تەرەپلىرىمۇ بار، مەسىلەن، ئۇنى ئاسراش ۋە قويۇپ بېرىش خىراجىتى مۆلچەردىكىدەك ئۇنداق ئەرزان ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەمىشە كاشىلا يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئالەم قاتنىشى مۇتەخەسسىسلىرى يېڭى بىر ئەۋلاد ئالەم قاتنىشى ئۈسكۈنىسى - ئاۋىئاتسىيە - ئالەم ئايروپىلانىنى تەتقىق قىلىپ ياساشقا كىرىشتى. ئاۋىئاتسىيە - ئالەم ئايروپىلانىنىڭ تولۇق ئاتىلىشى ئاۋىئاتسىيە - ئالەم قاتنىشى ئايروپىلانى بولۇپ، ئۇنى ھەم ئاۋىئاتسىيە قاتنىشىدا ئىشلەتكىلى، يەر شارى ئاتموسفېرا قاتلىمىدا ئۇچۇرغىلى بولىدۇ، ھەم ئالەم قاتنىشىدا ئىشلەتكىلى، ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچۇرغىلى بولىدۇ. ئاۋىئاتسىيە - ئالەم ئايروپىلانى يەر يۈزىدىن ئۇچقاندا، ھاۋا پۈركۈگۈچ دۋىگاتېلنى ئىشلىتىپ، ئاۋىئاتسىيە ئايروپىلانىغا ئوخشاش يەر يۈزىدىن گورىزونتال ھالەتتە كۆتۈرەلەيدۇ. يەر يۈزىدىن 30 كىلومېتىر ئېگىزلىككە كۆتۈرۈلگەندە، ھاۋا پرېسلىغۇچى رېئاكتىۋ دۋىگاتېلنى ئىشلىتىپ، سۈرئىتىنى ئاۋاز تېزلىكىنىڭ 25 ھەسسىسىگە يەتكۈزۈپ، ئاتموسفېرا قاتلىمىدا قىتئەلەر ئارا ئۇچالايدۇ. ئەگەر ئاتموسفېرا قاتلىمىدىن چىقىپ كەتمەكچى بولسا، راكېتا دۋىگاتېلنى ئىشلەتسە ئالەم بوشلۇقىدىكى ئوربىتىغا كىرەلەيدۇ. يەر يۈزىگە قايتىپ كەلگەندە ئاۋىئاتسىيە ئايروپىلانىغا ئوخشاش يەرگە گورىزونتال ھالەتتە قونالايدۇ. ئاۋىئاتسىيە - ئالەم ئايروپىلانى ئادەتتىكى چوڭ تىپتىكى ئايروپورتتا ئۇچالايدۇ ۋە قونالايدۇ، شۇڭا ناۋادا ئۇنى تەتقىق قىلىپ ياساش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغان بولسا، ئۇ ئالەم ئايروپىلانىنىڭ ئورنىنى ئېلىپلا قالماستىن، يەنە بىز ئۇنىڭغا ئولتۇرۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ساياھەتكە بارالايمىز، ئۇ چاغدا بىزنىڭ يەر شارىنىڭ ھەر قانداق بىر يېرىگە بېرىشىمىز ئۈچۈن كېتىدىغان ۋاقىت ئىككى سائەتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە