UyghurWiki
UyghurWikiنەمەكومپيۇتېرنىڭ خاس تىلى بارمۇ؟

كومپيۇتېرنىڭ خاس تىلى بارمۇ؟

نېمە ئۈچۈن كومپيۇتېر <ئىككىلىك سىستېمىسىدىكى سان> لارنى ئوقۇپ، چۈشىنەلەيدۇ، <ئىككىلىك سىستېما بۇيرۇقلىرى> ئەڭ ئاساسىي كومپيۇتېر تىلى ھېسابلىنىدۇ. بىز ئادەتتە سانلارنى ئىپادىلەشتە <ئونلۇق سىستېما> نى قوللىنىمىز، يەنى 0 دىن 9 غىچە بولغان ئون رەقەم ئارقىلىق سانلارنى خاتىرلەيمىز ۋە ھېسابلايمىز، ھەر ئونغا توشقاندائالدىغا بىر خانە سۈرىمىز. ئەمما، ئىككىلىك سىستېمىدا، پەقەت 0 بىلەن 1 دىن ئىبارەت ئىككىلا سان بولۇپ، ھەر ئىككىگە توشقاندا ئالدىغا بىر خانە سۈرۈلىدۇ. كىشىلەر ئەڭ دەسلەپتە ئىككىلىك سىستېمىدىن پايدىلىنىپ پروگرامما تۈزگەن. ئىككىلىك سىستېما 0 بىلەن 1 دىنلا تۈزۈلگەن بولغاچقا، ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈچىنىش ئىنتايىن قىيىن، شۇڭلاشقا مۇتەخەسىسلەر نىسبەتەن ئاسان چۈشەنگىلى بولىدىغان <ئاسسېمبىل تىلى> نى لايىھىلەپ چىقىپ، پروگرامما تۈزگەن، ئاندىن يەنە <ئاسسېمبل پروگراممىسى> نى ئىككىلىك سىستېما بۇيرۇقىغا تەرجىمە قىلىپ، كومپيۇتېردا ئىجرا قىلدۇرغان. ھازىر، كىشىلەر تېخىمۇ ئىلغار بولغان كومپيۇتېر تىلى - <ئالىي دەرىجىلىك تىل> دىن پايدىلىنىپ پروگرامما تۈزىدىغان بولدى. كىشىلەر ئالىي دەرىجىلىك تىلنى ئىنگلىز تىلى ۋە ئارىفمېكتىكىلىق ئىپادىگە ئوخشاشلا ناھايىتى ئوڭاي چۈشىنەلەيدۇ. كومپيۇتېر <ئالىي دەرىجىلىك تىل> دىن پايدىلىنىپ تۈزۈلگەن پروگراممىنى ئىجراقىلغاندا، شۇنىڭغا ماس <تۈزۈش ۋە تەرجىمە قىلىش پروگراممىسى> ئۇنى ئىككىلىك سىستېما بۇيرۇقىغا تەرجىمە قىلسىلا كۇپايە. ئالىي دەرىجىلىك تىلنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، دائىم ھەل بولمىغان مەسىلىلەرگە قارىتا لايىھىلىنىدۇ. ھەر بىر تۈرنىڭ خەلقئارادا بىرلىككە كەلگەن ئۆلچىمى ۋە شەكلى بولىدۇ، كۆپ ئىشلىتىلىدىغانلىرىدىن BASIC, FORTRAN, COBOL قاتارلىقلار بار.
← بارلىق تېمىلار نەمە