يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا <قەغەز زاكا> ئىشـلەتكەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
ھازىر نۇرغۇن ياش ئاتا - ئانىلار قۇلايلىق بولۇش، ۋاقتىنى - زېھنىنى تېجەش ئۈچۈن ئۇزۇن مەزگىل قەغەز زاكا ئىشلىتىدۇ. لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، ئۇزۇن مەزگىل قەغەز زاكا ئىشلىتىشنىڭ مەلۇم يۇشۇرۇن ئاپىتى بولۇپ، بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسىز. ئەمەلىيەتتە نۇرغۇنلىغان قەغەز زاكىلار پۈتۈنلەي قەغەزدىن ياسالغان بولماستىن يەنە سۈمۈرۈش رولىغا ئىگە بۇلۇت ھەم تالالىق قەۋەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغاچقا، ئۇزۇن مەزگىل ئىشلىتىلسە بوۋاقنىڭ تېرىسىگە زەخمە يەتكۈزىدۇ. ھەتتا خەۋەر قىلىنىشىچە، ئۇزۇن مەزگىل قەغەز زاكا ئىشلەتكەندە تۇغماسلىق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن قەغەز زاكا تاللاپ ئىشلىتىشتە ئەلا سۈپەتلىكنى تاللاش ھەمدە بەك چىڭ ئورىماسلىق ۋە ئۇزاق تۇرغۇزماسلىق كېرەك.