UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىنىڭ ياخشى ھەرىكەت ئادىتىنى قانداق يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؟

بالىنىڭ ياخشى ھەرىكەت ئادىتىنى قانداق يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بالىنى ئەمچەكتىن ئايرىش جەريانىدا بالىنىڭ ياخشى ھەرىكەت ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە دىققەت قىلىشى كېرەك، بۇنىڭ بالىنىڭ چوڭ بولغاندىن كېيىنكى پسىخىكا ۋە ھەرىكەت جەريانىدا ناھايىتى مۇھىم تەسىرى بار. ئەمچەكتىن ئايرىشنىڭ ئالدى - كەينىدە، ئانىلار ھەمىشە بالىدىن ئۆزىنى چەتكە ئالىدۇ. بالىنىڭ ئانا سۈتىنى ئېمىش تەلىپىنى تولۇق قانائەتلەندۈرەلمەيدۇ. پسىخىكا جەھەتتىن ئازابلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئانا بالىغا يول قويىدۇ، گەرچە بالىنىڭ تەلىپى ئورۇنلۇق بولسۇن - بولمىسۇن تەلىپىنى ئورۇنلاپ بېرىۋېرىدۇ. ئانىنىڭ بۇنداق يول قويۇشى بىلەن بالىدا ناچار تۇرمۇش ئادىتى شەكىللىنىپ، بارغانسېرى ئاچچىقى يامان، ئۆزىنىلا ئويلايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆسۈپ يېتىلىش تەرەققىياتىدىمۇ مۇشۇ خىل ئەھۋال ساقلىنىپ قالىدۇ. بۇ بالىنىڭ پسىخىكا جەھەتتىن يېتىلىشىگە پايدىسىز، بۇ ۋاقىتتا دادا پسىخىكا ۋە ئەقلىي جەھەتتە ئانا بىلەن تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ، بالىنىڭ ئورۇنسىز تەلىپىنى رەت قىلغاندا، بالا قاتتىق يىغلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا دادا بالىغا تەنبىھ بەرسە بولىدۇ، بالا ئادەتتە دادىنىڭ پىكرىنى ئوڭايراق قوبۇل قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە