UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش كەيپىياتىغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟

بالىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش كەيپىياتىغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن بالىلارنى بۇ خىل قارشىلىق كۆرسىتىش كەيپىياتى ۋە ھەرىكىتىگە قارىتا ئاتا - ئانىلار توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانسا، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ناھايىتى پايدىلىق. 1. يولسىز بولغان ھەرىكەت ۋە تەلەپكە قارىتا سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈش ۋە تەربىيە بېرىش كېرەك، كۆپىنچە ئەھۋالدا سۆز بىلەن قايىل قىلغاندا غەلىبە قازانغىلى بولىدۇ. 2. ئاشۇ ۋاقىتتا سۆز بىلەن قايىل قىلىشنىڭ ئۈنۈمى بولمىسا، ئەگەر بالا يىغلاپ توختىمىسا، ئۇنداقتا <سوغۇق قانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىش> ئۇسۇلىنى قوللانسا بولىدۇ. بالا يىغلاۋەرسىمۇ، ھېچقانداق ئىش بولمىغاندەك ئولتۇرسا، بالا يىغلاشنىڭ ئۈنۈمى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. 3. بالىنىڭ قىزىقىشى ۋە دىققىتىنى باشقا نەرسىگە بۇراش كېرەك. بالىنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشى ۋاقىتلىق بولۇپ، ناھايىتى تېزلا دىققىتى چېچىلىپ كېتىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانسا، ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىنىڭ ئانچە مۇھىم بولمىغان تەلىپىنى قاندۇرۇپ قويسىمۇ بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا بالا ئاتا - ئانىسىنىڭ كۆيۈنۈشىنى ھېس قىلىدۇ. بالىنىڭ غۇرۇرى ۋە ئۆز - ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە