نورماندىدا قۇرۇقلۇققا چىقىش جېڭىدە قانداق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلغان؟
نېمە ئۈچۈن
1944 - يىلى، دەل ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق پەيتى ئىدى. 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى سەھەردە، ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ سانسىزلىغان پاراخوت ۋە ئايروپىلانلىرى توساتتىنلا ئىنگىلىز بوغۇزىدىن ئۆتۈپ، گېرمانىيە ئارمىيىسى ئىشغال قىلىۋالغان فرانسىيىنىڭ شىمالىدىكى نورماندى دېڭىز بويىغا شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغاپ، بىر كۈندىلا ساھىلىدىكى بەش پوزىتسىيىنى ئالدى. نەتىجىدە، ئىتتىپاقداش ئارمىيىسىنىڭ 150 مىڭ ئەسكىرى نورماندىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، ئاخىرىدا فاشىست گېرمانىيىسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئاساس سالدى.
نورماندىدا قۇرۇقلۇققا چىقىش جېڭى نېمە ئۈچۈن شۇنچە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى؟ ئەمەلىيەتتە، بىر قانچە ئاي ئىلگىرىلا ئىتتىپاقداش ئارمىيە گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ دىققەت - نەزەرىنى نورماندىدىن بۇرۇۋېتىش ئۈچۈن، فرانسىيىنىڭ گالاي رايونىغا قارىتىلغان بومباردىماننى قەستەن كۈچەيتكەن، شۇنداقلا گالايغا ئەڭ يېقىن جايدىكى ئەنگىلىيە پورتىدا نۇرغۇن ھەربىي لازىمەتلىكلەر ۋە پاراخوتلارنى تەييارلاپ قويغانىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى گېرمانىيە ئارمىيىسىنى ئىتتىپاقداش ئارمىيە گالايدىن قۇرۇقلۇققا چىقىدۇ، دېگەنگە ھەقىقىي ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن ئىدى.
يەنە بىر جەھەتتىن، ئىتتىپاقداش ئارمىيە ھۇجۇم قىلىش ۋاقتىنى كۆڭۈل قويۇپ تاللىدى. 6 - ئاينىڭ بېشىدا ئىنگىلىز بوغۇزىنىڭ ھاۋا كېلىماتى ئىنتايىن ناچارلىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، دېڭىز دولقۇنى كۈچلۈك بولغاننىڭ ئۈستىگە شىددەتلىك بوران - چاپقۇن بولاتتى، شۇڭا گېرمانىيە ئارمىيىسى بۇنداق چاغدا ئىتتىپاقداش ئارمىيە دېڭىز بوغۇزىدىن ئۆتۈپ قۇرۇقلۇققا چىقمايدۇ، دەپ قارايتتى. بىراق ئىتتىپاقداقش ئارمىيىنىڭ ھاۋا رايى مۇتەخەسسىسلىرى 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ھاۋا ۋاقىتلىق ياخشىلىنىدۇ، دەپ پەرەز قىلدى. دەل مۇشۇ <ئارىلىق> تىكى قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە، ئىتتىپاقداش ئارمىيە تەخمىنەن 6000 پاراخوت ۋە 10 مىڭدىن ئارتۇق ئايروپىلاننى توپلاپ، نورماندىغا شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، ئۇرۇش تارىخىدىكى بۇ بىر مەيدان ئەڭ ھەيۋەتلىك قۇرۇقلۇققا چىقىش جېڭىنى تاماملىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىتتىپاقداش ئارمىيە يەنە بىر قىسىم ئايروپىلان ۋە پاراخوتلارنى قەستەن گالاي تەرەپكە ئەۋەتىپ ساختا ھۇجۇم قوزغىدى، شۇڭا، ئىتتىپاقداش ئارمىيە تاكى نورماندىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ بولغۇچە، گېتلېر بۇلارنىڭ ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ ئاساسلىق قىسىمى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىدى.