UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن بالىلار سۇنى ئىستاكاندا ئىچىشى كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن بالىلار سۇنى ئىستاكاندا ئىچىشى كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن بالىلار تەخمىنەن بىر ياشقا كىرگەندە، ئاستا - ئاستا ئىستاكان بىلەن سۇ ئىچىشكە ئادەتلەندۈرۈپ، ھەرگىزمۇ سوسكىدا ئىچكۈزمەسلىك كېرەك. بۇنداق قىلىشنىڭ سەۋەبى: 1. ئۇزۇن مۇددەت سوسكىنى ئىشلەتسە، جاۋىغاي سۆڭىكىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئېغىر بولغاندا ھەتتا جاۋىغاي سۆڭىكىنىڭ غەلىتە بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ بالىنىڭ چايناش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بالىنىڭ تاشقى قىياپىتىگىمۇ تەسىر يېتىدۇ. 2. بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش تەرتىپىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ۋاقىتتا بالىلار قولى بىلەن ئىستاكاننى تۇتالايدۇ ھەم ئۆزلىرى تۇتۇشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالىدۇ. شۇڭا بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بالىلارنىڭ تۇرمۇش جەھەتتىكى مۇستەقىل بولۇش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇش كېرەك. 3. بالىلارغا ئىستاكان بىلەن سۇ ئىچكۈزگەندە، بالىلارنىڭ تۇتۇش ئىقتىدارى ۋە قول، كۆز قاتارلىق ئەزالارنى ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرغىلى بولىدۇ. بۇ بالىلارنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتە ناھايىتى پايدىلىق.
← بارلىق تېمىلار نەمە