UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى تۆۋەن كالتسىيلىق قان دېگەن نېمە؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى تۆۋەن كالتسىيلىق قان دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى تۆۋەن كالتسىيلىق قان كېسىلى بەزىبىر سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ قاندىكى كالتسىينىڭ قويۇقلۇقى نورمال دائىرىدىن تۆۋەن (ئومۇمىي كالتسىي قويۇقلۇقى 8.1 ~ 0.2 لىتىر / مىللىمول تۆۋەن) بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرچە، دۆلەت ئىچىدە ئۆلچەپ ئىگىلىگەن كالتسىي قويۇقلۇقى كۆپىنچە ئومۇمىي كالتسىي قويۇقلۇقى دېيىلىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى تۆۋەن كالتسىيلىق قان كېسىلىنىڭ ئىپادىسىدىكى پەرق ئىنتايىن چوڭ، ئەگەر پەقەتلا تۆۋەن كالتىسيلىق قان كېسىلى بولۇپ، باشقا ھېچقانداق كېسەللىك ئۆزگىرىشى بىللە كەلمىسە، ئاساسلىق ئىپادىسى بوۋاقتا ئەنسىزلىك، چۆچۈش، تىترەش، قىسمەن ئورۇن ياكى پۈتۈن بەدىنى تارتىشىش، بەزىدە يەنە دەم چىقارماسلىق، نەپەسلىنىش ۋاقىتلىق توختاش، كۆكىرىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. لېكىن تىپىك پۇت - قول تارتىشىش ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ. ئەگەر تۆۋەن كالتسىيلىق قان كېسىلى بىلەن ئوكسىگېن قان كەملىك خاراكتېرلىك مېڭە كېسىلى، باش ئىچى قاناش قاتارلىق كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى بىللە كەلگەندە بوۋاقتا يەنە بىئاراملىق ياكى ئۇيقۇخۇمارلىق، مۇسكۇل تەرەڭلىكى يۇقىرىلاش ياكى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئىپادىلەر كۆرۈلىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى تۆۋەن كالتسىيلىق قان كېسىلى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتى، شۇڭا ئاتا - ئانىلار ئەگەر بوۋاقتا يۇقىرىقى ئىپادىلەر كۆرۈلگىنىنى بايقىسا، ئاكتىپ ھالدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە