UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئاۋئاماتكا ئۈستىدىكى ئايروپىلانلار قانداق توختىتىپ قويۇلىدۇ؟

ئاۋئاماتكا ئۈستىدىكى ئايروپىلانلار قانداق توختىتىپ قويۇلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئاۋىئاماتكا خۇددى دېڭىز ئۈستىدىكى بىر لەيلىمە ئايروپىلانغا ئوخشاش بولۇپ، ئەڭ چوڭ ئاۋىئاماتكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 300 مېتىر كەڭلىكى 70 مېتىر كېلىدۇ. 100 گە يېقىن ھەر خىل ئايروپىلاننى ئېلىپ يۈرەلەيدۇ. ئۇنداقتا بۇ ئايروپىلانلار ئاۋىئاماتكىنىڭ ئۈستىدە قانداق توختىتىپ قويۇلىدۇ؟ - ئاۋىئاماتكىنىڭ پالۇبىسى گەرچە ئىنتايىن كەڭ بولسىمۇ، بىراق پالوبىنىڭ كۆپ قىسمى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش، قونۇشىغا ئىشلىتىلىدىغانلىقتىن، ئايروپىلان توختايدىغان ئەمەلىي كۈلەم ئىنتايىن چەكلىك بولىدۇ. ياخشى يېرى شۇكى، ئاۋىئاماتكىنىڭ كەڭ پالوبىسى ئاستىدا بىر <غايەت زور قورساق> - ئايروپىلان ئىسكىلاتى بار. بۇ ئايروپىلان ئىسكىلاتى زاۋۇتنىڭ كەڭ ھەم يوغان بىر سېخىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 200 نەچچە مېتىر، كەڭلىكى نەچچە ئون مېتىر، ئېگىزلىكى تەخمىنەن ئون مېتىر كېلىدۇ، نەچچە ئون ئايروپىلاننى توختىتىپ قويغىلى بولىدۇ. ئايروپىلانلار ئادەتتە ئايروپىلان ئىسكىلاتىدا رېمونت قىلىنىدۇ، ئايروپىلانغا ماي جىقلاش، گاز قاچىلاش، ئايروپىلان ئاككۇمۇلياتورلىرىنى زەرەتلەش ھەم ئايروپىلانغا باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد، تورپېدا، بومبا قاتارلىق قوراللارنى قاچىلاش ئىشلىرىمۇ مۇشۇ ئىسكىلاتتا ئىشلىنىدۇ. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى پۈتكەندىن كېيىن، ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى پالۇبا ئېچىلىپ، ۋاسكىتبول مەيدانىدەك چوڭلۇقتىكى مەخسۇس لىفىت بۇ ئايروپىلانلارنى ئاستا - ئاستا پالوبىغا ئاچىقىپ، ئۇچۇشقا ھازىرلاپ قويىدۇ. ئوخشاشلا پالۇبىغا قونغان ئايروپىلانلارمۇ لىفىت ئارقىلىق ئايروپىلان ئىسكىلاتىغا ئەچۈشۈرۈلۈپ، توختىتىپ قويۇلىدۇ. ئادەتتە چوڭ تىپتىكى ئاۋىئاماتكىلارغا مۇشۇنداق چوڭ تىپتىكى لىفىتتىن ئۈچ - تۆتى ئورنىتىلغان بولىدۇ. ئاۋىئاماتكىغا توختىتىپ قويۇلغان ئايروپىلانلار گەرچە ناھايىتى رەتلىك تىزىلسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ شەكلى غەيرىيدەك كۆرۈنىدۇ: ئايروپىلانلارنىڭ قانىتى دائىم ئۈستىگە قاتلاپ قويۇلىدىغان بولۇپ، قايرىپ سۇندۇرۇۋېتىلگەن قاناتقا ئوخشىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئايروپىلان توختىتىدىغان كۆلەمنى تېجەش ئۈچۈن شۇنداق قىلىنىدۇ. ئۇچۇشقا ھازىرلانغان ئايروپىلانلار ئادەتتە ئۇچۇش ۋە چۈشۈش يولىغا چىققاندىن كېيىن قاتلانغان قاناتلىرى چۈشۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە