UyghurWiki
UyghurWikiنەمەتىپلىق تارقىلىشچان مېڭە ياللۇغىنىڭ قانداق ئىپادىلىرى بار؟

تىپلىق تارقىلىشچان مېڭە ياللۇغىنىڭ قانداق ئىپادىلىرى بار؟

نېمە ئۈچۈن بۇ خىل كېسەلنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى ئادەتتە ئون كۈندىن 14 كۈنگىچە بولىدۇ، بۇ خىل كېسەل ئادەتتە جىددىي خاراكتېرلىك كېسەل بولۇپ، تۇيۇقسىز ھالدا قاتتىق قىزىش، ياندۇرۇش، بېشى ئاغرىش، ئۇيقۇغا ئامراق بولۇش ياكى روھى چۈشۈپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار پەيدا بولىدۇ. ئىككى - ئۈچ كۈندىن كېيىن كېسەللىك ئەھۋالى روشەن ھالدا ئېغىرلىشىپ، دائىم ھوشىدىن كېتىش، ئاچچىقى كېلىپ تۇرالماي قېلىش، بىئارام بولۇش، پۇت - قول، يۈزلىرىنىڭ تارتىشىشى، مېڭە سۈيى يىغىلىپ قېلىش، نەپەس راۋان بولماسلىق، ھەتتا نەپەس ئالالماي ئۆلۈپ كېتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. نۇرغۇنلىغان بىمارلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى يەتتە كۈندىن ئون كۈن ئىچىدە چۈشۈپ كېتىدۇ، باشقا ئىپادىلىرى ئاستا - ئاستا يوقايدۇ، ئاز ساندىكى ئېغىرراق بىمارلارنىڭ پۇت - قوللىرىنىڭ تارتىشىش ۋە ھوشىدىن كېتىش ۋاقتى بىر ئاز ئۇزۇن بولىدۇ. ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن كېسەللىكتىن قالغان ئاسارەت خېلىغىچە داۋاملىشىدۇ ۋە ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىغا قاراپ روھى - كەيپىياتمۇ نورمال بولمايدۇ، ئەقلىي ئىقتىدارى چېكىنىپ كېتىدۇ، گەپ قىلىشى قىيىنلىشىپ ياكى گەپ قىلالماي قالىدۇ. پۇت - قوللىرى ھەرىكەتلەنمەيدۇ، بىراق يەنە ئاز ساندىكى بىمارلاردا باش ئاغرىش ۋە بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەپ كېتىش ئالامەتلىرى پەيدا بولۇپ، بىرقانچە كۈن ئىچىدە ئەسلىدىكى نورمال ھالەتكە كېلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
تىپلىق تارقىلىشچان مېڭە ياللۇغىنىڭ قانداق ئىپادىلىرى بار؟ | UyghurWiki | UyghurWiki