UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلارغا ھەرىكەت مەشىقىنى ئېلىپ بارغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

بالىلارغا ھەرىكەت مەشىقىنى ئېلىپ بارغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن ھەرىكەت ئىقتىدارىنى مەشىق قىلدۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار توغرىسىدا ئاتا - ئانىلارنىڭ تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز: 1. ئاۋارىچىلىقتىن قورقماسلىق. بۇ مەزگىل بالىلارنىڭ ھەرىكەتچان مەزگىلى بولۇپ، ئۇنىڭ نەس ۋاقتىدىن باشقا ۋاقىتلاردا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىدۇ. بىراق، بەزى ئاتا - ئانىلار بۇ ھادىسىگە ئەھمىيەت بەرمەيلا قالماستىن، بەلكى تېخى بالىنى تىنچلاندۇرۇۋېتىدۇ. بالىڭىزنىڭ ئەھۋالى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سىز مەلۇم بىر مەيدان تەييارلاپ، ئۇنىڭ بىر كۈن ئىچىدە ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ ئىككى - ئۈچ سائەت ھەرىكەت قىلىشىغا يول قويۇشىڭىز كېرەك. بۇ ئىشتىن كېيىن سىز يەنە قايتا ئۇنى تىنجىتىدىغان ئامالنى تاپسىڭىزمۇ، ئۇ جىمىپ قالىدۇ. 2. تەرەققىي قىلىش جەريانىغا ماسلاشتۇرۇش. ھەرىكەت ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلىشى يۇقىرىدىن - تۆۋەنگە، مەركەزدىن سىرتىغا قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ ھەم ھەربىر ئادەمدە پەرق بولىدۇ. شۇڭا، ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ھەرىكەت جەريانىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ، مۇۋاپىق ھالدا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. بالىلارنى باشقىلارغا سېلىشتۇرۇپ، بالىنى مۇۋاپىق بولمىغان ھەرىكەتلەرگە مەجبۇرلاشقا قەتئىي بولمايدۇ. بىراق، ھەرىكەت ئىقتىدارى مەشىق قىلىش ئارقىلىق تەدرىجىي يېتىلىدۇ. ئاتا - ئانا بۇنى تولۇق چۈشىنىپ، بالىغا زىيان يەتمەيدىغان، ياخشى بولغان تەنھەرىكەت مەيدانى ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك. بۇ بالىنىڭ ئۆمۈرلۈك ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. 3. ئويۇن ئارقىلىق مەشىق قىلدۇرۇش. ھەرىكەت ئىقتىدارىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل بولسا ئويۇن ئويناش ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتا مەشىق قىلىش. پەقەت ئۇ قىزىقارلىق ھېس قىلسىلا، ئۇ خۇشاللىق بىلەن مەشىقنى قوبۇل قىلىدۇ ھەم قايتا - قايتا مەشىق قىلىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا، پۇت - قوللىرىنىڭ چاققانلىقىنى مەشىق قىلدۇرۇش مەقسىتىگە يېتىپلا قالماي، يەنە بالىنىڭ مەغلۇبىيەت ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىرادىسىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. 4. بىخەتەر تەربىيە بىلەن ماسلاشتۇرۇش، نىسبەتەن يۇقىرى بولغان تۇرمۇش ئىقتىدارىغا ۋە ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان بالىلارنىڭ ئۆز - ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى بىر ئاز يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا، بۇ ۋاقىتتا چوڭلار ھەر ۋاقىت كونكرېت يېتەكچىلىك قىلىپ تۇرسا، بالا قانداق ھەرىكەت قىلسا بولىدىغانلىقىنى قايسى، خىل ئويۇنچۇق ۋە سايماندىن پايدىلانسا بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ - دە ئۆز - ئۆزىنى قوغدىيالايدۇ. ئەگەر ئىشىك بېشىغا <ئۇنداق قىلساڭ خەتەرلىك> دەپ يېزىپ قويسا، ياكى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ قويسا، بالىدا تۇيۇقسىز قورقۇنچ تۇيغۇسى بولۇپ قالىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
بالىلارغا ھەرىكەت مەشىقىنى ئېلىپ بارغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki