يۇقىرى قىزىتمىدا نېمە ئۈچۈن بوۋاقنىڭ كۆزىنىقوغداشقا دىققەت قىلىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
بوۋاق يۇقىرى قىزىتما بولغاندا، ئائىلە باشلىقلىرى دائىم پەقەت يۇقىرى قىزىتمىنىڭ ئەھۋالىغىلا دىققەت قىلىپ، بوۋاقنىڭ ئىككى كۆزىنىڭ چىڭ يۇمۇلۇپ، چاپاقنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىگە نىسبەتەن ئېتىبارسىز قارايدۇ. ھالبۇكى بۇ كىچىككىنە بىخەستەلىك بەلكىم ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بوۋاق يۇقىرى قىزىتما بولغاندا، ئىشتىھاسى ناچارراق بولۇشى ھەمدە ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىدا بەلكىم قالايمىقانلىشىش يۈز بېرىشى مۇمكىن. لېكىن بوۋاقنىڭ دەل بەدەندىكى ئوزوقلۇقنىڭ سەرپىياتى ئېشىپ بارغانلىقتىن ئوزۇقلۇق توسالغۇغا ئۇچراش يۈز بېرىپ، ۋىتامىن A يېتىشمەسلىكنى پەيدا قىلىپ، بىرىكتۈرگۈچى پەردە، مۈڭگۈز پەردە ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆز ئالما بىرىكتۈرگۈچى پەردىسىدە قۇرغاقلىشىش، قان تولۇش، تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۈڭگۈز پەردىدە دۇغلىنىش ھەتتا جاراھەتلىنىش بولۇپ تېشىلىشتىن كۆرۈش قابىلىيىتىنى يوقىتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال بوۋاقلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. شۇڭا يۇقىرى قىزىتمىدا ئائىلە باشلىقلىرى دائىم پاكىز، سوغۇق لۆڭگىدە كۆزنى سۈرتۈپ بېرىش ھەمدە كۆزگە تېمىش دورىسىنى ئازراق تېمىتىپ مۈڭگۈز پەردە ياللۇغلىنىشتىن ساقلىنىش، غەيرىي ئۆزگىرىش بايقىغان ھامان دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈپ داۋالاش كېرەك.