ھايۋانلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرسى ئۆزگەرمەمدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ بەدىنىنى سىلىغىنىڭىزدا، قولىڭىزغا ئىسسىق ئۇرۇلىدۇ. لېكىن، پاقا قاتارلىق قوش ماكانلىق ھايۋانلار ۋە بېلىقنىڭ بەدىنىنى سىلسىڭىز، قولىڭىزغا سوغۇق بىلىنىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ چۈنكى، ئالدىنقلىرىنىڭ بەدىنىدە مۇكەممەل بولغان بەدن تېمپېراتۇرسىنى تەڭشەش مېخانىزمى بار بولۇپ، سىرتنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆزگەرسىمۇ، ئۇلار بەدەن تېمپېراتۇرسىىنى نىسپىي تۇراقلىق ساقىلىيالايدۇ. شۇڭا، بۇ خىل ھايۋانلار بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۇراقلىق ھايۋانلار ياكى ئىسسىق قانلىق ھايۋانلار دەپ ئاتىلىدۇ. كېيىنكىلىرىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى سىرتتىكى تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ. شۇڭا، بۇ خىل ھايۋانلار بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۇراقسىز ھايۋانلار ياكى سوغۇق قان ھايۋانلا دەپ ئاتىلىدۇ.
قۇشلار بىلەن سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلاردىن باشقا ھايۋانلاردىن باشقا ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۇراقسىز ھايۋانلاردۇ.
بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۇراقلىق ھايۋانلارنىڭ بەدىنى مۇئەييەن ئىسسىقلىقنى ساقلىيالايدۇ. قۇشلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئادەتتە تەخمىنەن 25 - 37 سېلسيە گرادۇس دائىرىسىدە بولىدۇ. ئۇلار بۇ خىل تېمپېراتۇرا ئارقىلىق مۇھىتقا بولغان بېقىنىشىنى ئازايتىدۇ. بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۇراقلىق ھايۋانلارنىڭ مۇكەممەل بولغان بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش مېخانىزمى، مەسىلەن، تەرەققىي قىلغان تەر بېزى بولىدۇ، يەنە كېلىپ ھەر بىر ھايۋاننىڭ تۇراقلىق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ساقلايدىغان ئۆزگىچە ئەپچىل ئۇسۇللىرى بولىدۇ. قەھرىتان سوغۇق بولدىغان جەنۇبىي قۇتۇپتا ياشايدىغان پىنگۋىن، تيۇلىن قېلىن تېرىسى، قويۇق تۈكلىرى، قات - قات مېيى ئارقىلىق سوغۇقتا تاقابىل تۇرىدۇ؛ ئىسسىق بەلۋاغدا ياشايدىغاب مايمۇنلار ئۇزۇن قۇيرۇقىنى ئىشقا سېلىپ بەدىنىنىڭ ھاۋا بىلەن ئۇچرىشىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئىسسىقنى ھەيدەيدۇ. سوغۇق كۈنلىرى يەنە شۇ قۇيرۇقى بىلەن پۈتۈن بەدىنىنى ئوراش ئارقىلىق بەدىنىدىكى ئىسسىقلىقنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنى ئازايتىدۇ. دېمەك، ھايۋانلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ماھارەتلىرى ئۆزگىچە بولىدۇ.