قۇشلارنىڭ پەيلىرى نېمە ئۈچۈن رەڭگارەڭ بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
قۇشلارنىڭ پەيلىرى رەڭگارەڭ بولۇپ، كىشىنى جەلب قىلىدۇ ھەم قۇشلار دۇنياسىنى رەڭدارلىققا تولدۇرىدۇ.
ئۇنداقتا، قۇشلارنىڭ پەيلىرى نېمە ئۈچۈ رەڭگارەڭ بولىدۇ؟ بۇنى قۇش پەيلىرىنىڭ رەڭگى بەلگىلەنگەن.
قۇملۇقتا ياشايدىغان قۇشلارنىڭ رەڭگى ئادەتتە بىرلا خىل ۋە سۇس بولىدۇ. جەنۇبتا ۋە ئىسسىق بەلۋاغ ئورمانلىقلىرىدا ياشايدىغان قۇشلار ئۇزۇن ۋە ھەر خىل كۆركەم، رەڭدار پەيلىرى ئارقىلىق ئۆزىنى ئاسانلا يوشۇرالايدۇ.
قۇش پەيلىرىنىڭ گۈزەل رەڭلىرى قانداق پەيدا بولغان؟بۇ پەيلەردىكى خىمىيىلىك پېگېنت ۋە نۇرنىڭ سۇنۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. توزنى مىسالغا ئالساق، توز مۇھىت ۋە پەسىلنىڭ ئۆزگىرىش تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، ئۇ ئاجرىتىپ چىقارغان ھورمۇنلار پىگمېنت ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆزئارا رول ئويناپ يېڭى رەڭلەرنى پەيدا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، قارا پىگېنىت قارا پەيلەرنى، مايلىق پارقىراق پىگمېنت سۇس قىزىل ۋە سېرىق پەيلەرنى، مايلىق پىگمېنت قىزىل، سېرىق، يېشىل رەڭلىك پەيلەرنى ھاسىل قىلىدۇ. ھەر خىل پىگمېنتلار ئۆزئارا بىرىكىپ توقلۇقى ۋە سۇسلۇقى ئوخشاش بولمىغان ھەر خىل رەڭلىك پەيلەرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پەيلەرنىڭ رەڭگى نۇرنىڭ ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن سۇنۇشى ۋە قايىتىشى نەتىجىسىدە تېخىمۇ كۆركەم كۆرۈنىدۇ.
ھايۋانات دۇنياسىدا قۇشلار بىر قەدەر ئاجىز بولۇپ، نۇرغۇن قۇشلارنىڭ پېيىنىڭ رەڭگى ئۇلارنىڭ دۈشمەندىن مۇداپىئەلىنىشىدە ئۆزىنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ.