بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدە ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئىشلەتسەبولامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بىز ئالدىنقى بابتا بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدىكى ئەڭ ياخشى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىنى سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدۇق، بىراق ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، چۈنكى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىدا نۇرغۇنلىغان ھورمۇنلار بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئانىلىق ھورمۇنلارنى قوزغىغۇچى قاتارلىق تۇغۇندى ماددىلار ئانا تېنىگە كىرگەندىن كېيىن بىر تەرەپتىن ئانىلىق ھورمۇنىنىڭ يېتىلىشىنى كونترول قىلىپ، سۈتنىڭ ئاجرىتىلىشىنى ئازلىتىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بالىغا تولۇق سۈت بەرگىلى بولمايدۇ، بۇ تەبىئىيلا بالىنىڭ ئوزۇقلۇقى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرىدىكى ئۈنۈملۈك تەركىبلەر سۈتكە ئەگىشىپ بالىنىڭ تېنىگە كىرىدۇ، ھورمۇنلار بالىنىڭ يېتىلىشىگە بولۇپمۇ كەلگۈسىدىكى كۆپىيىش سىستېمىسىى يېتىلىشىگە پايدىسىز. شۇڭا، ئانىلار بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدە ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئىچىشتىن ساقلىنىپ، بىز ئالدىنقى بابتا سۆزلەپ ئۆتكەن ئۇسۇل بويىچە ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىشى كېرەك.