UyghurWiki›نەمە›نېمە ئۈچۈن بىر ئايلىق بوۋاقلارغا مېۋە شىرنىسى ۋە كۆكتات شەربەتلىرىنى قوشۇپ بېرىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن بىر ئايلىق بوۋاقلارغا مېۋە شىرنىسى ۋە كۆكتات شەربەتلىرىنى قوشۇپ بېرىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
ئاتا سۈتىنىڭ يېتەرلىك بولۇش - بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، بىر ئايلىق بوۋاقلارغا مېۋە ۋە كۆكتات شەربىتى قوشۇپ بېرىشكە ئېھتىياجلىق. ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ تەلىپىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ۋاقىتتا بوۋاقلارنىڭ ۋىتامىن C غا بولغان ئېھتىياجى كۆپرەك، لېكىن ھەرخىل سۈت مەھسۇلاتلىرىدىكى (ئانا سۈتىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى بوۋاقنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ. ۋىتامىن C يۈكسەك دەرىجىدە ئوكسىدسىزلىنىشچانلىققا ئىگە بولۇپ، بەدەندىكى توقۇلمىلارنى ئوكسىدلىنىپ زەخمىلىنىشتىن ساقلاپ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. بەدەندىكى ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى كەمچىل بولغاندا بوۋاق تېنىدىكى قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلەيدۇ، ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولسا يەنە قان بۇزۇلۇش كېسىلى يۈز بېرىدۇ. يېمەك - ئىچمەكتىكى ۋىتامىن C نىڭ كەمچىل بولۇشى ۋە ۋىتامىن C نىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنىڭ يېتەرسىزلىكى بوۋاقلاردىكى ۋىتامىن C كەمچىللىكىدىكى مۇھىم ئامىل. يېڭى كۆكتات ۋە مېۋىلەردىكى ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى مول بولغانلىقتىن بىر ئايلىق بوۋاقلارغا مېۋە ۋە كۆكتات شەربىتىنى قوشۇپ بېقىش تەلەپ قىلىنىدۇ.