UyghurWiki›نەمە›يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا رەۋەن ئىچكۈزۈپ <ھامىلەزەھىرى> نى ھەيدەشنىڭ زۆرۈرىيىتىبارمۇ؟
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا رەۋەن ئىچكۈزۈپ <ھامىلەزەھىرى> نى ھەيدەشنىڭ زۆرۈرىيىتىبارمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بەزى يەرلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە ئاساسەن، ئەمدىلا تۇغۇلغان بوۋاقلارغا جۇڭيى دورىسى رەۋەننى ئىچكۈزۈش ئارقىلىق <ھامىلە زەھىرى> نى ھەيدەيدۇ ھەم ھامىلە تەرىتىنىڭ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق. نورمال يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار تۇغۇلۇپ 12 سائەتتە تەبىئىي ھالدا ھامىلە تەرىتىنى چىقىرىدۇ. ھامىلە تەرىتى تۆرەلمە مەزگىلىدىكى ئۈچەي يول ئاجرالما ماددىلىرى، ئۆت سۇيۇقلۇقى ھەم تۆرەلمە يۇتۈۋالغان باش سۈيىدىكى تۆرەلمە تېرە يېغى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، قارامتۇل يېشىل رەڭلىك، شىلىمسىمان ھەم تەكشى، سېسىق پۇرىقى يوق بولىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئۈچەي يولى شىللىق پەردىسى يۇمران، مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى تۆۋەن، رەۋەن ئىچ سۈرۈش دورىسىغا تەۋە بولۇپ، ئەگەر ئەمدىلا تۇغۇلغان بوۋاققا رەۋەن ئىچۈرسە جەزمەن ئۈچەي يول ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئىچ سۈرۈش، قورساق كۆپۈش ھەم قورساق ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ئىچۈرگەندە باكتېرىيىنى ئاشقازان، ئۈچەيگە ئېلىپ كىرسە، يەنىلا يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ھەرگىزمۇ رەۋەن ئىچكۈزمەسلىك كېرەك.