ئانا - بالا بىر يەردە ئۇخلاشنىڭ يەنە بىر ئارتۇقچىلىقى ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشى بولۇشمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئېمىش — تاتلىق ئۇيقۇدىن ئويغانغان بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا كەم بولسا بولمايدىغان تىنچلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، بالا خۇددى تىنچلاندۇرۇش ئوكۇلىدىن بىرنى ئۇرغانغا ئوخشاش ناھايىتى تېزلا ئۇخلايدۇ. ئانا سۈتى تەركىبىدە ئۇيقۇنى كەلتۈرىدىغان ئاقسىل بولۇپ، بۇ بالا ئېمىپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئۇخلاپ قېلىشنىڭ سەۋەبى، ئانا ئېمىتمىگەندە قان سۇيۇقلۇقىدىكى سۈت قوزغاتقۇچى ھورمۇنلار ئۆرلەپ كېتىدۇ. سۈت قوزغاتقۇچى ھورمۇنلار يالغۇز سۈت ئاجرىتىپلا قالماي، يەنە ئانىنى تىنچلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا، بالىنى ئېمىتكەندە، ئانىنىڭمۇ ئۇيقۇسى كېلىدۇ. تىپتىنچ كېچىدە، ئانا بىلەن بالا ئېمىتىپ ۋە ئېمىپ مۈگدەش ھالىتىدە تۇرسا، ئاخىرىدا تاتلىق ئۇيقۇغا كېتىدۇ. شۇڭا، كېچىدە بالا ئېمىتىش ئادەم بەدىنىنىڭ تەبىئىي قائىدە - قانۇنىيىتىگە مۇناسىپ بولۇپ، ئانا ۋە بالىغا نىسبەتەن ئىنتايىن پايدىلىق دېيىشكە بولىدۇ.