نېمە ئۈچۈن بېگېموتنىڭ سەزگۈ ئەزالىرى باش قىسمىدا بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بېگېموت ئىسسىق بەلۋاغ ئافرىقىدا ياشايدىغان ئەتىۋارلىق ھايۋان. ئۇنىڭ بەدىنى سېمىز، تېرىسى قېلىن ھەم پارقىراق بولۇپ، پەقەت قۇيرۇقىنىڭ ئۇچىدىلا ئازراق مويى بار. يوغان بېشىدا كىچىككىنە ئىككى كۆزى بار، ئاغزى بىر ئادەمنى پۈتۈن يۇتۇۋەتكۈدەك دەرىجىدە يوغان. بىراق بېگېموت گۆش يېمەي، ئوت - چۆپلا يەيدۇ، ئەلۋەتتە ئادەمنى تېخىمۇ يېمەيدۇ.
بېگېموتنىڭ كىشىلەر ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيدىغان بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭ كۆزى، بۇرنى ۋە قۇلىقى بېشىنىڭ چوققىسىدا بولىدۇ. بۇنىڭ ئۇنىڭغا قانداق پايدىسى بار؟
ھەممىمىزگە مەلۇم، بېگېموتنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم ۋاقتى سۇدا ئۆتىدۇ. سەزگۈ ئەزالىرى بېشىنىڭ چوققىسىدا بولغاچقا، ئۇنىڭ سۇدا ياشىشىغا تولىمۇ ماس كېلىدۇ. ئۇ پۈتۈن بەدىنىنى سۇغا چۆكۈرگەندە بېشى سۇدىن ئازراق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، شۇڭا سەزگۈ ئەزالىرىمۇ دەل سۇ يۈزىدىن سەل - پەل چىقىپ تۇرىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا، بېگېموت ھەم ئۆزىنى ئوبدان يوشۇرالايدۇ، ھەم سۇ يۈزىدىن چىقىپ تۇرغان كۆزى ئارقىلىق ئەتراپنى كۆرەلەيدۇ، بۇرنى بىلەن ساپ ھاۋادىن نەپەس ئالالايدۇ، قۇلىقى بىلەن ئەتراپتىكى شەپىگە قۇلاق سالالايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بېگېموتتىن باشقا، سۇدا ياشايدىغان تىمساھ ۋە پاقىلارمۇ بۇ جەھەتتە بېگېموتقا ئوخشىشىپ كېتىدۇ.