يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى <كاسا قىزىللىق> تىن قانداق مۇداپىئە كۆرۈش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
تېبابەتتە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى<كاسا قىزىللىق>، <زاكا تېرە ياللۇغى> دېيىلىدىغان بىر خىل سۈيدۈكنىڭ غىدىقلىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان كاسا قىسىم قىزىل ئەسۋەسى. بۇ كېسەل يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا ھەم بوۋاقلاردا كۆرۈلىدۇ. بۇ كېسەللىك كۆپ كۆرۈلۈشتىكى سەۋەب، ئائىلە باشلىقلىرى بوۋاقنىڭ زاكىسىنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرماي بوۋاق بىلەن زاكا تېگىشكەن يەرلىك ئورۇننىڭ تېرىسى غىدىقلاشقا ئۇچراشتىن يۈز بېرىدۇ. زاكا تېرە ياللۇغى بولغاندىن كېيىن يەرلىك ئورۇننىڭ تېرىسىدە قىزىل ئەسۋە كۆرۈلۈپ ئىششىيدۇ ھەتتا تېرە تاشلايدۇ. بوۋاق ئاغرىقتىن قاتتىق يىغلايدۇ. زاكا تېرە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى ئاساسلىقى، بوۋاقنىڭ زاكىسىنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش ۋە يەرلىك ئورۇننىڭ تېرىسىنى ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىش. كونكرېت تۆۋەندىكى مەسىلىلەرگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك:
1. يۇمشاق، سۇ سۈمۈرۈشچانلىقى ياخشى زاكىلارنى تاللاش. بۇنداق قىلغاندا بوۋاق تېرىسىنىڭ غىدىقلىنىشى ۋە زەخىمگە ئۇچرىشىدىن ساقلىغىلى بولىدۇ.
2. زاكىنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش، زاكىنىڭ پاكىز ۋە قۇرۇقلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، زاكىنىڭ ئاستىغا يالتىراق ۋە كاۋچۇك ماددىلارنى قويماسلىق، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق تېرىسىنىڭ سۈيدۈكتە تۇرۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش.
3. يەرلىك ئورۇن تېرىسىنى پاكىز تۇتۇش. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ھەر قېتىملىق چوڭ تەرىتىدىن كېيىن كاسىسىنى ئىلمان سۇدا يۇيۇش، ئىچى سۈرگەندە تېخىمۇ شۇنداق قىلىش. ھەر قېتىم يۇيۇپ بولغاندا يۇمشاق لاتا بىلەن سۈرتۈپ قۇرۇتۇش ھەمدە ئاز مىقداردا تاماققا ئىشلىتىلىدىغان مايدىن سۈرۈپ قويۇش. زاكا تېرە ياللۇغى كۆرۈلۈپ بولغان بولسا، بوۋاقنىڭ كاسىسىنى سوپۇن بىلەن يۇيۇشقا بولمايدۇ. ھەر قېتىم يۇيۇپ قۇرۇتقاندىن كېيىن كېسەل كۆرۈلگەن ئورۇنغا نېئومىتسىن سىنىك ئوكسىد مەلھىمى ياكى نېئومبىتسىن ئوچاق چالمىسى سۈرۈپ قويۇش كېرەك.