UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن يەر شارىدىكى بىر سوتكا ۋاقىت بارغانسېرى ئۇزىرايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن يەر شارىدىكى بىر سوتكا ۋاقىت بارغانسېرى ئۇزىرايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن كۈندىلىك تۇرمۇشتا، بۈگۈنكى ۋاقىت تۈنۈگۈنگە قارىغاندا بىر قانچە مىنۇت ئۇزۇن بولدى دەپ ھېكىم ئېيتالمايدۇ؟ بۈگۈنكى ۋاقىت تۈنۈگۈنگە قارىغاندا بىر قانچە سېكۇنت قىسقا بولدى دېگىلى بولمايدۇ. لېكىن ئالىملار شۇنى بايقىدىكى، ھازىر يەر شارىدىكى بىر سوتكا ۋاقىت راستتىنلا ئۇزىرىۋاتىدۇ. ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە - ئالەم ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر يەر شارىدىكى بىر سوتكا ۋاقىت ئوتتۇرا ھېساب بىلەن سوتكىسىغا 700 / 1 سېكۇنت ئېشىپ بېرىۋېتىپتۇ. شۇنداق بولغاندا ھەر يىلى تەخمىنەن يېرىم سېكۇنت ئۇزىرايدۇ. يەنە 120 يىلدىن كېيىن، ھەر كۈنى بىر مىنۇت ئاشىدىكەن. بىر قانچە ئەسىردىن كېيىن، يەر شارىدىكى بىر كۈن 24 سائەتتىن ئېشىپ كېتىدىكەن. بىر سوتكا ۋاقىتنىڭ بارغانسېرى ئۇزىراۋاتقانلىقىغا يەر شارىنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاۋاتقانلىقى سەۋەبچى بولغان، يەر شارىنىڭ ئايلىنىشى ئىزچىل تۈردە ئاستىلاۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن <ئاستىلاش> سۈرئىتى ئوخشاش ئەمەس، تەخمىنەن 500 مىليون يىل بۇرۇنقى ۋاقىتتىن 300 مىليون يىل بۇرۇنقى ۋاقىتقىچە، يەر شارىنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى ئەڭ تېز بولغان. تەخمىنەن 200 مىليون يىل بۇرۇنقى ۋاقىتقا كەلگەندە يەر شارىنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى ھەر 50 مىڭ يىلدا بىر سېكۇنت ئاستىلاپ ھازىرقى بىر كۈن 24 سائەتكە كەلگەن. يەر شارىنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىدىكى سەۋەبلەر توغرىسىدا ھەر خىل قاراشلار بار. كۆپ ساندىكى ئالىملارنىڭ قارىشىچە، دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىدىن پەيدا بولغان سۈركىلىش كۈچى تۈپەيلىدىن، يەر شارىنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى بارغانسېرى ئاستىلايدۇ. تەخمىنەن 500 مىليون يىل بۇرۇنقى ۋاقىتتىن 300 مىليون يىل بۇرۇنقى ۋاقىتقىچە، يەر شارىدىكى قۇرۇقلۇق ئېكۋاتور يۆنىلىشىنى بويلاپ جايلاشقانىدى. بۇ چاغدا دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىدىن پەيدا بولغان سۈركىلىش كۈچى بىر قەدەر زور بولغاچقا، يەر شارىنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىشى بىر قەدەر تېز بولغان. 200 مىليون يىل بۇرۇنقى ۋاقىتقا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، چوڭ قورۇقلۇق جەنۇب - شىمال يۆنىلىشى بويىچە جايلىشىپ، دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىدىن پەيدا بولغان سۈركىلىش كۈچىنى نىسبەتەن ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەن، شۇڭا يەر شارىنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىشى بارا - بارا سۇسىشىپ قالغان. ئەلۋەتتە، يەر شارىنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىدىكى ھەقىقىي سەۋەب ئۈستىدە يەنىمۇ ئىزدىنىپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ، بىراق ۋاقىتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، يەر شارىدىكى بىر سوتكا ۋاقىت بارغانسېرى ئۇزىرايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن يەر شارىدىكى بىر سوتكا ۋاقىت بارغانسېرى ئۇزىرايدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki