UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن يود بىلەن مېركۇروخروم ئېرىتمىسىنى بىللە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن يود بىلەن مېركۇروخروم ئېرىتمىسىنى بىللە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن يود بىلەن مېركۇروخروم ئېرىتمىسى دائىم سىرتقى تەرەپتىن ئىشلىتىلىدىغان دېزىنفېكسىيە دورىلىرى. يودنىڭ مىكروب ئۆلتۈرۈش رولى كۈچلۈك، ئاساسلىقى تېرە قىزىرىپ ئىششىپ قالغان، زەھەرلىك ھاشاراتلار چېقىۋالغان، يارا چىققان جايلارغا شۇنىڭدەك ئوكۇل ئۇرۇش، دورا ئالماشتۇرۇشتىن ئىلگىرى تېرىنى دىزىنفېكسىيە قىلىشقا ئىشلىتىدۇ. ئۇنىڭ تەسىرى كۈچلۈك، شۇڭا، يىرتىلغان يارا ئېغىزلىرىغا ۋە شىلىمشىق پەردىلەرگە سۈركەشكە بولمايدۇ، بولمىسا ئاغرىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مېركۇروخروم شىلىمشىق پەردىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، كېسىلىپ كەتكەن، سۈرۈلۈپ كەتكەن تېرىلەرگە مۇۋاپىق كېلىدۇ. نىسپىي قىلىپ ئېيتقاندا، مېركۇروخروم ئېرىتمىسىنىڭ مىكروبقا قارشى تۇرۇش رولى ئاجىزراق بولىدۇ. لېكىن، بىر مۇنچە كىشىلەر سىرتتىن ئىشلىتىلىدىغان مۇشۇنداق دورىلار بىلەن دېزىنفېكسىيە قىلغاندا، كۆپىنچە بىر خىلىنى سركىگەندىن كېيىن، يەنە بىر خىلىنى سۈركەشنى ياخشى كۆرىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندا يارا ئېغىزىدىكى مىكروب تەلتۆكۈس يوقىلىپ، يارا ئاسان ساقىيىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلغاندا دېزىنفېكسىيە قىلىپ يارىنى داۋالىغىلى بولمايلا قالماي، ئەكسىچە ناچار ئاقىۋەت پەيدا بولىدۇ. كۆپچىلىككە، ئايان، مېركۇروخروم ئېرىتمىسىنىڭ تەركىبىدە سىماب بار. يودنىڭ تەركىبىدە يود بار. بۇ ئىككى خىل دورىنى بىللە ئىشلەتكەندە، سىماب بىلەن يودتا خىمىيىلىك رېئاكسىيە ھاسىل بولۇپ، زەھەرلىك سىماب يودىد پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن دورىنىڭ مىكروب ئۆلتۈرۈش رولى نابۇت بولۇپلا قالماي، بەلكى تېرە، شىلىمشىق پەردە ۋە باشقا ئەزالارغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىپ، تېرىدە قىزىللىق، ئىششىق، قاپارتما پەيدا قىلىدۇ - دە، يارا ئېغىزىنى سېسىتىۋېتىدۇ. سىماب يودىد تېرە ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە قوبۇل قىلىنىدۇ، ئەگەر زىيادە قوبۇل قىلىنسا، ئادەم بەدىنى سىمابتىن زەھەرلىنىدۇ. شۇڭا، ئېسىڭىزدە بولسۇن، ھەرگىز يود بىلەن مېركۇروخروم ئېرىتمىسىنى بىللە ئىشلەتمەڭ.
← بارلىق تېمىلار نەمە