UyghurWiki
UyghurWikiنەمەۋىرۇسلۇق مېڭە ياللۇغىنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى قايسى؟

ۋىرۇسلۇق مېڭە ياللۇغىنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى قايسى؟

نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە دەۋاتقان ۋىرۇسلۇق مېڭە ياللۇغى يەنە تارقىلىشچان ۋىرۇسلۇق مېڭە ياللۇغى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ پەسىل خاراكتېرلىك ئەمەس، بوغۇم ئاياغلىقلار ۋە سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار تارقاتقان بىرخىل ۋىرۇسلار پەيدا قىلغان كېسەللىك بولۇپ، يۇقۇملانمايدۇ. (ئەگەر B تىپلىق مېڭە ۋىرۇسى، غالجىرلىق كېسىلى تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان مېڭە ياللۇغى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا) بۇ خىل كېسەل پەيدا بولۇشتىن 1 ~ 3 ھەپتە ئىلگىرى، نەپەس يولى ياكى ئاشقازان - ئۈچەي يولىدا يۇقۇملىنىش ئەھۋاللىرى بايقىلىدۇ. مەسىلەن: قىزىش، پوتلىسى ئېقىش، دىمىغى پۈتۈش، يۆتىلىش ياكى ياندۇرۇش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن كېيىن بىماردا كەيپىياتى سوغۇققان بولۇش، ئۇيقۇغا ئامراق بولۇش، بېشى قاتتىق ئاغرىش، ئاندا - ساندا ياندۇرۇش، ياندۇرغاندا كۈچلۈك ياندۇرۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئېغىر بولغاندا قىسمەن ئورۇنلار ياكى پۈتۈن بەدەن تارتىشىش، كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇپ، قالايمىقان سۆزلەش، ھوشىدىن كېتىش، ھەتتا نەپەس ۋە قان ئايلىنىش توسالغۇغا ئۇچراپ، ئۆلۈم خەۋپىنى پەيدا قىلىدۇ. بەزى بىمارلاردا تۇتقاقلىق كېسلىىنىڭ ئاسارىتى قالىدۇ، ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، پۇت - قوللار پالەچ بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلارنىڭ كېسىلى قوزغىلىشتىن ئىلگىرى قوقاق كېسىلى، تارقىلىشچان قۇلاق ئالدى بەز ياللۇغ كېسىلى، سۇلۇق قاپارتما قاتارلىق كېسەللەرگە يېقىنلاشتىمۇ - يوق دىققەت قىلىش كېرەك، ئەگەر بىمارنىڭ قۇلاق ئالدى بەك چوڭ بولسا، قۇلاق ئالدى بەز ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى بولىدۇ. ئەگەر تىلدا، ئېغىزدا قوقاق بولسا، ئۇچۇقلۇق مېڭە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بولۇشى شۇنداقلا گەۋدە قىسمىدا سۇلۇق قاپارتقۇ بولسا، سۇلۇق قاپارتقۇ مېڭە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بولۇشى مۇمكىن
← بارلىق تېمىلار نەمە