UyghurWiki
UyghurWikiنەمەمېڭە ئالدى لىپىلدىقى ۋە مېڭە كەينى لىپىلدىقى دېگەن نېمە؟

مېڭە ئالدى لىپىلدىقى ۋە مېڭە كەينى لىپىلدىقى دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ جەمئىي ئىككى لىپىلدىقى بولۇپ، بىرى مېڭە ئالدى لىپىلدىقى يەنە بىرى مېڭە كەينى لىپىلدىقى دېيىلىدۇ. كۆزىتىشكە ئاسان ھەم ئادەتتە كىشىلەر بىلىدىغىنى مېڭە ئالدى لىپىلدىقى بولۇپ، باش چوققىسىنىڭ ئالدى قىسمىغا جايلاشقان، چوققا سۆڭەك بىلەن ماڭلاي سۆڭەك قىرى شەكىللەندۈرگەن رومبا شەكىللىك بوشلۇق، باشقا قىسىملارغا قارىغاندا سەل ئولتۇرۇشقان، يۇمشاق، قول بىلەن سىيلىغاندا بوش ھەرىكەتلەنگەنلىكىنى سېزىشكە بولىدۇ. مېڭە كەينى لىپىلدىقى باشنىڭ كەينىگە، گەجگە سۆڭەك بىلەن ئىككى پارچە چوققا سۆڭەكنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، چوققا سۆڭەك بىلەن گەجگە سۆڭەك قىرلىرى شەكىللەندۈرگەن ئۈچبۈرجەك شەكىللىك بوشلۇق. مېڭە ئالدى لىپىلدىقىنىڭ ئىككى قىرىدىن ئوتتۇرا نۇقتىغىچە بولغان ئارىلىقى 5.1 ~ 0.2 سانتىمېتىر، كېيىن باش سۆڭىكىنىڭ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ چوڭىيىپ بارىدۇ، ئالتە ئايلىق بولغاندا 5.2 ~ 3 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ. ئالتە ئايلىقتىن كېيىن بارا - بارا سۆڭەكلىشىپ كىچىكلەيدۇ، 1 ~ 5.1 ياش ئەتراپىدا ئېتىلىدۇ. بوۋاقلار يېڭى تۇغۇلغاندا مېڭە كەينى لىپىلدىقى ئىنتايىن كىچىك ياكى ئېتىلگەن بولۇپ، ئەڭ كېچىككەندىمۇ تۇغۇلۇپ ئالتە ھەپتىدىن سەككىز ھەپتىگىچە ئېتىلىپ بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە