UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئامېرىكا تاپىرى نېمە ئۈچۈن توخۇ يۈرەك؟

ئامېرىكا تاپىرى نېمە ئۈچۈن توخۇ يۈرەك؟

نېمە ئۈچۈن ئامازون يامغۇرلۇق ئورمانلىقىدىكى ئەڭ چوڭ سۈت ئەمگۈچى ھايۋانات ئامېرىكا تاپىرى بولۇپ، ئۇنىڭ تەقى - تۇرقى چوشقىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئادەتتە، ئامېرىكا تاپىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى مېتىر، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 150 - 200 كىلوگرام كېلىدۇ. ئۇنىڭ بۇرنى بىلەن ئۈستۈنكى كالپۇكى ئالدىغا دوردىيىىپ چىققان بولۇپ، يېمەكلىكلەرنى يۆگەپ ئۈزەلەيدۇ؛ كۆزلىرى كىچىك، نۇرسىز بولۇپ، ئەمدىلا ئۇخلاپ ئويغاندەك كۆرۈنىدۇ؛ قۇلىقىدا ئازراق تۈك بار بولۇپ، ئۇنىڭ تەلەتى ئىنتايىن كۈلكىلىك. ئامېرىكا تاپىرى گەرچە سۈت ئەمگۈچى ھايۋان بولسىمۇ، لېكىن ئوت - چۆپ يېيىشكە ئامراق. ئۇ سۇ ئۆسۈملۈكلىرى، دەرەخ يوپۇرمىقى، چاتقال بىخلىرى، مېۋە شەربىتى ۋە ئوت - چۆپلەرنى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلىدۇ. تەبىئەت دۇنياسى ئامېرىكا تاپىرىغا ئۆتكۈر چىش، ئۆتكۈر بارماق ۋە مەزمۇت مۈڭگۈز ئاتا قىلمىغان بولغاچقا، يامغۇرلۇق ئورمانلىقتا ياشايدىغان بۇ چوڭ مەخلۇق تۇغۇلۇشىدىنلا توخۇ يۈرەك. ئۇ مەيلى كۈندۈزى، ياكى كېچىسى بولسۇن، بىرەر دۈشمەنگە ئۇچراپ قالسا، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرماستىن، بەلكى جېنىنىڭ بارىچە قېچىشنىلا بىلىدۇ. ئۇ قاچقاندا قويۇق ئورمانلىق ئىچىدىكى ئۆزىگە يادا بولۇپ كەتكەن يول ۋە يەر شەكلى بويىچە تېز سۈرئەتتە يۈگۈرۈپ، دۈشمەنلىرىگە تۇتۇق بەرمەيدۇ، چوڭقۇر سۇغا ئوقتەك شۇڭغۇپ كىرەلەيدۇ. بۇنداق چاغلاردا باتۇرلۇق، ياۋۇزلۇق بىلەن داڭق چىقارغان ئامېرىكا يولۋىسى، ئامېرىكا يىلپىزى دېگەنلەرمۇ ئۇنىڭغا يېتىشەلمەيدۇ. تاپىر بۇنىڭدىن 40 مىليون يىل ئىلگىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا كەڭ تارقالغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ئۇلار تازا گۈللەنگەن بىر جەمەت ئىدى. ئەمما، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، كۆپ ساندىكى تاپىرلانىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتتى. ئامازون يامغۇرلۇق ئورمانلىقىدا ياشايدىغان ئامېرىكا تاپىرى نەسلى قۇرۇپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان قوغدىلىدىغان ھايۋانلار قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.
← بارلىق تېمىلار نەمە