يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى رەسىم تارتقاندا چاقماقلامپا ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن ئاتا - ئانا ۋە ئائىلىدىكىلەر رەسىم چۈشۈپ ئەسلىمە قالدۇرۇپ قويۇشنى ئويلايدۇ. ئۆي ئىچىدىكى نۇر ئاجىزراق بولغانلىقتىن، بەزىلەر ئېلېكترلىك چاقماق لامپىنىڭ ياردىمى بىلەن بوۋاقنى رەسىمگە تارتىدۇ. ئەمەلىيەتتىن بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىشقا بولمايدۇ. بۇنىڭ بوۋاقلارغا بولغان خەتىرى بەك چوڭ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار نۇرنىڭ تەسىرىگە نىسبەتەن ئىنتايىن سەزگۈر ھەمدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كۆرۈش سەزگۈ سىستېمىسى تېخى تولۇق يېتىلمىگەنلىكتىن كۈچلۈكرەك بولغان نۇرنىڭ غىدىقلىنىشىغا نىسبەتەن قوغدىنىشچانلىق تەڭشەش ئېلىپ بارالمايدۇ. شۇڭا، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار كۈچلۈك نۇرنىڭ بىۋاسىتە چۈشۈشىگە ئۇچرىغاندا، (يەنى ئېلېكترلىك چاقماق لامپىنىڭ نۇرى قاتارلىق) كۆز ئاستى كۆرۈش تور پەردىسى بىلەن مۈڭگۈز پەردە كۆيۈپ جاراھەتلىنىش يۈز بېرىشى ھەتتا ئەما بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەتىرىمۇ بار. شۇڭا، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى رەسىم تارتقاندا ئېلېكترلىك چاقماق لامپا ئىشلەتمەسلىك، ئەڭ ياخشىسى تەبىئىي يورۇقلۇق مەنبەسىدىن پايدىلىنىپ رەسىم تارتىش، ئۇنىڭدىن سىرت يەنە باشقا كۈچلۈك نۇر يەنى ئىنتايىن يورۇق قول چىراغ قاتارلىقلار بىلەن بوۋاقنىڭ يۈز قىسمىغا بىۋاسىتە نۇر چۈشۈرمەسلىك كېرەك.