قانداغاي زادى قانداق ھايۋان؟
نېمە ئۈچۈن
قانداغاينىڭ مۈڭگۈزى بۇغىنىڭكىگە، تۇيىقى كالىنىڭكىگە، گەۋدىسى ئىشەكنىڭكىگە، بېشى ئاتىنىڭكىگە ئوخشىشىدۇ.
قانداغاي مۈشۈكېئيىققا ئوخشاش مەملىكىتىمىزنىڭ ئەتىۋارلىق ھايۋانلىرىنىڭ بىرى. لېكىن بۇنىڭدىن 100 نەچچە يىل ئىلگىرىلا ياۋايى قانداغاينىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، چىڭ سۇلالىسى پادىشاھلىقىنىڭ بۇغىخانىسىدىلا بىر نەچچە يۈزى بېقىلغان. 1894 - يىلى بېيجىڭدا پەۋقۇلئاددە زور كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ، بۇغىخانىنىڭ تاملىرىنى كەلكۈن ئېقىتىپ كەتكەن. بۇغىخانىدىكى قانداغايلارنىڭ بەزىلىرىنى ئاپەتكە ئۇچرىغان پۇقرالار تۇتۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن، بەزىلىرىنى چەت ئەل دىن تارقاتقۇچىلىرى ياۋروپاغا ئاچىقىپ كەتكەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، قانداغاي ئۆزىنىڭ يۇرتىدىن ئۈزۈل - كېسىل غايىب بولۇپ كەتكەن.
1956 - ۋە 1985 - يىلىغا كەلگەندە، جۇڭگو ئەنگىلىيىدىن نەچچە ئون تۇياق قانداغاينى كىرگۈزگەن، شۇندىلا يۇرتىدىن ئايرىلغىنىغا يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك بولغان قانداغايلار يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن. 1986 - يىلى دۆلىتىمىز جياڭسۇنىڭ دافېڭ دېگەن يېرىدە 40 مىڭ مو كېلىدىغان دائىرىدە قانداغاي تەبىئىي قوغدىلىدىغان رايون قۇردى. ئون نەچچە يىل بېقىش ئارقىلىق قانداغايلارنىڭ ئومۇمىي سانى 300 تۇياققا يېقىنلاشتۇرۇلدى. كېيىن، دۆلىتىمىز يەنى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ تيەنئې دېگەن يېرىدە تەبىئىي باقمىچىلىق بازىسىنى بەرپا قىلدى ھەمدە بىر تۈركۈم قانداغايلارنى ئەركىن - ئازادە تەبىئىي ياشىشى ئۈچۈن تەبىئەتكە قويۇپ بەردى.