يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى قانچە؟
نېمە ئۈچۈن
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى ئاساسلىق جىنسى، ئىرسىيەت، ئىچكى ئاجراتما، ئوزۇقلۇق قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. نورمال يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغاندىكى ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 50 سانتىمېتىر، بىر ياشتىكى ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 75 سانتىمېتىر، ئىككى ياشتىكى ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 85 سانتىمېتىر. نۆۋەتتىكى ستاتىستىكىلىق ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى تۇغۇلغان ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى تەخمىنەن 7.1 ± 2.50 سانتىمېتىر، يېڭى تۇغۇلغان قىز بوۋاقلارنىڭ بولسا 6.1 ± 6.49 سانتىمېتىر. ئادەتتە تۆۋەندىكى فورمۇلا ئارقىلىق تەخمىنىي ھېسابلاپ چىقىشقا بولىدۇ:
1. 1 ~ 6 ئاي: ئېگىزلىك = تۇغۇلغاندىكى ئېگىزلىك (سانتىمېتىر) + 5.2 سانتىمېتىر × ئاي؛
2. 7 ~ 12 ئاي؛ ئېگىزلىك = تۇغۇلغاندىكى ئېگىزلىك (سانتىمېتىر + 6.1 سانتىمېتىر × )ئاي - 6( + 15 سانتىمېتىر؛
3. 2 ~ 12 ياش؛ ئېگىزلىك = 7 سانتىمېتىر × ياش + 70 سانتىمېتىر.