قانداق قىلغاندا بالىلاردا يالغۇز ئۇخلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بەزى ئانىلار دائىم بالىسىنىڭ يالغۇز ئۇخلىغىلى ئۇنىمىغانلىقىدىن قايغۇرۇشىدۇ، ئەلۋەتتە ئاتا - ئانىسى بىلەن ئۇخلاپ ئادەتلىنىپ قالغان بالىلارنى يالغۇز ئۇخلاتماق ئوڭاي ئىش ئەمەس. تۆۋەندىكى بىرقانچە خىل ئۇسۇلنىڭ بەلكىم بالىلارنىڭ يالغۇز ئۇخلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردىمى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
1. ئۆينى بالىنىڭ قىزىقىشى بويىچە بېزەش، مەسىلەن: بالىلارنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنى بويىچە بىر ئاز سۇسراق يانىدىغان كىچىك لامپۇچكا ئورنىتىش، ئۇنىڭغا قونچاق ئېلىپ بېرىپ، قونچاق بىلەن بىللە ئۇخلىتىش.
2. ئاۋۋال بالىغا ھەمراھ بولۇپ بىر ئاز ئۇخلاش، بالا ئۇخلاپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن بالىنىڭ ھۇجرىسىدىن ئايرىلىش.
3. ئەگەر بالا بەك قورقۇپ كەتسە ۋە ئەنسىرىسە، ئۇنىڭغا قەھرىمانلىق توغرىسىدىكى ھېكايىنى ئېيتىپ بېرىپ، ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى قورقۇنچنى چىقىرىۋېتىش.
4. ئۇنىڭ بەزى تەلەپلىرىگە مۇۋاپىق ھالدا قوشۇلۇش، مەسىلەن: بالا مەلۇم بىرخىل ئويۇنچۇقنى ئالماقچى بولسا، ئەگەر بالا يالغۇز بىرقانچە كېچە ئۇخلىسا، ئاندىن ئۇنىڭغا ئېلىپ بەرسە بولىدۇ. ئىشىنىڭكى، بىر مەزگىللىك تىرىشچانلىق ئارقىلىق بۇ خىل مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە سىز بالا بىلەن ئۇخلىماقچى بولسىڭىز، بالا ئۇنىماسلىقى مۇمكىن.