UyghurWiki
UyghurWikiنەمەتۇتقاقلىق كېسىلى دېگەن نېمە؟

تۇتقاقلىق كېسىلى دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن تۇتقاقلىق كېسىلى <ئېپلېپسىيە> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ مېڭە فۇنكسىيىسىنىڭ تۇيۇقسىز، قىسقا مۇددەت ئىچىدە قالايمىقان بولۇشى تۈپەيلىدىن قوزغىلىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغان بىرخىل ئۇنىۋېرسال كېسەل. نۆۋەتتە، تۇتقاقلىق كېسىلىنىڭ كېسەللىك سەۋەبىگە ئاساسەن، ئالاھىدە قوزغىلىشچان خاراكتېرلىك، كېسەللىك ئالامەتلىرى خاراكتېرلىك ۋە يوشۇرۇن خاراكتېرلىك تۇتقاقلىق كېسىلى دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئالاھىدە قوزغىلىشچان خاراكتېرلىك تۇتقاقلىق كېسىلى — كېسەل ئاساسلىقى كېسەللىكنىڭ قوزغىلىش ئېھتىماللىقى ياكى ئىرسىيەت ئامىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، باشقا سەۋەبلىرى بولمايدۇ. كېسەللىك ئالامەتلىرى خاراكتېرلىك تۇتقاقلىق كېسىلى بولسا ئېنىق ياكى دەرگۇمان ھالدا مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىدا كېسەللىك ئالامەتلىرىگە ئىگە بولىدۇ. مەسىلەن: ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك تۈپەيلىدىن قان ئاز بولغان مېڭە كېسىلى، ۋىرۇسلۇق مېڭە ياللۇغى، يىرىڭلىق مېڭە پەردە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللەر ياكى باش سىرتى زەخىملىنىش تۈپەيلىدىن بولغان تۇتقاقلىق كېسىلى ۋە روشەن ھالدا ئەنشۆجىڭ كېسىلى، سىتىرىن سۈيدۈك كېسىلى قاتارلىق تۇغما كېسەللىكلەر ساقلانغان كېسەللىكنى كۆرسىتىدۇ. يوشۇرۇن خاراكتېرلىك تۇتقاقلىق كېسىلى بولسا تەخمىنەن كېسەللىك ئالامەتلىرى خاراكتېرلىك تۇتقاقلىق كېسىلىنى كۆرسىتىدۇ. بىراق، نۆۋەتتىكى تېببىي سەۋىيە بۇ خىل كېسەلنىڭ ئېنىقلاش دەرىجىسىگە بارمىدى. تۇتقاقلىق كېسىلىنىڭ رايونىمىزدىكى قوزغىلىش نىسبىتى يۇقىرى ھەم يىلدىن - يىلغا كۆپىيىۋاتىدۇ، بۇ خىل كېسەللىك ئۆسمۈرلۈك دەۋر ۋە ياشلىق دەۋردە كۆپرەك قوزغىلىدۇ. كېسەل ۋاقتى ئۇزۇن بولغاچقا، بىمار ۋە ئۆيدىكىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان ئازابى ناھايىتى زور بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە