ئابلانغۇچ ئويناش ھەرىكىتىنى قانداق ئېلىپ بېرىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
بالىلارغا ئاتلانغۇچ ئويناشنى مەشىق قىلدۇرغاندا، بالىلارنىڭ نەپەس ئېلىشنى چوڭقۇرلىشىپ، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىپ كېتىدۇ. ماددا ئالماشتۇرۇش سۈرئىتى تېزلىشىدۇ. بۇنىڭدىن بالىنىڭ نەپەس ۋە يۈرەك قان سىستېمىلىرى تولۇق چېنىقالايدۇ ھەم شۇنداقلا ئاتلانغۇچ ئويناش بولسا ئېلاستىكلىقنى، ماسلىشىشنى، سەزگۈرلۈكنى، تېزلىكىنى، كۈچنى تەلەپ قىلىدىغان ھەرىكەت بولۇپ، بەدەننىڭ مۇشۇ ئامىللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىنتايىن ياخشى رولى بار. ئاتلانغۇچ ئويناش ھەرىكىتىنىڭ سالامەتلىككە بولغان ئۈنۈمى ياخشى، ئاددىي، ئوڭاي، ئائىلە ئىچىدە ئېلىپ بېرىشقا ناھايىتى ماس كېلىدۇ. ئاتلانغۇچ ئويناشنىڭ يالغۇز كىشىلىك، قوش كىشىلىك، كۆپ كىشىلىك سەكرەش تۈرلىرى بولىدۇ. تۆۋەندە بىر قانچە خىل ئاددىي ئۇسۇلنى تونۇشتۇرىمىز:
1. قوش كىشىلىك سەكرەش. ئائىلە باشلىقى بىر ئاز قىسقا بولغان ئارغامچىنى ئاتلانغۇچ قىلىپ تەييارلاپ، بالىنى ئۆزىنىڭ ئالدىغا تۇرغۇزۇپ (ئائىلە باشلىقىغا يۈزلىنىپ تۇرۇشى كېرەك) <سەكرە> دېگەن بۇيرۇق بىلەن ئائىلە باشلىقى ۋە بالا بىرلىكتە سەكرەشنى كۆرسىتىدۇ.
2. ئۇزۇن ئارغامچىدا سەكرەش. ئائىلە باشلىقى ئىككى تەرەپتىن ئۇزۇن ئارغامچىنى پۇلاڭلىتىدۇ. بالا ئارغامچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا رىتىملىق ھالدا سەكرەيدۇ. بىر پۇتلاپ، ئىككى پۇتلاپ سەكرىسىمۇ بولىدۇ ياكى ئوڭ - سول پۇتنى ئالماشتۇرۇپ سەكرىسىمۇ بولىدۇ.
3. يالغۇز كىشىلىك سەكرەش. بالا ئىككى قولى بىلەن ئارغامچىنىڭ ئىككى تەرىپىدىن تۇتۇپ، ئارقىسىغا تاشلاپ، ئىككى بىلىكىنى تەبىئىي ئېگىپ، قول بېغىشى ۋە بىلىكى بىلەن ئارغامچىنى كۈچەپ تاشلاپ، بەدەن تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىغان ئاساستا سەكرەشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدا مۇسكۇللارڭ ئۆزئارا ماسلىشىشى كېرەك.
4. ئىككى بىلەكنى ئۆزئارا كىرىشتۈرۈپ سەكرەش ئۇسۇلى. ئارغامچىنى بەدەننىڭ ئالدى - كەينى ۋە باشتىن ئۆتكۈزگەندە ئىككى بىلەكنى دەرھال كۆكرەك ئالدىغا كىرىشتۈرۈپ، ئارغامچا پۇتتىن ئۆتۈپ بولغاندا، تېز سۈرئەتتە بىلەكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت.
5. ماڭغاچ سەكرەش. بالا بىر تەرەپتىن ئارغامچىنى تاشلىغاچ سەكرەيدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن بىر قەدەم - بىر قەدەمدىن ئالدىغا قاراپ ماڭىدۇ. ماڭغان ۋاقىتتا، ئالدى پۇتىنى يېنىك تاشلاپ، كەينى پۇتىنى بەكرەك سۈرىدۇ. بەدەن ئازراق ئالدىغا ئېگىلىدۇ. يەرگە چۈشكەن ۋاقىتتا، بوغۇملارنىڭ ئەركىن بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك. بالىغا يالغۇز كىشىلىك سەكرەشنى ئۆگەتكەندە، ھەرىكەتنى ئايرىپ تۇرۇپ ئۆگەتسىمۇ بولىدۇ. ئاۋۋال ئارغامچىنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، ئارغامچا يەرگە چۈشكەندىن كېيىن ئىككى پۇتى بىلەن سەكرەپ ئارغامچىنى ئۆتكۈزۈش.
بالىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ پىششىق بولۇشى ۋە پۇت قوللىرىنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، بالا ئاستا - ئاستا ئاتلانغۇچ ئويناشنى ئۆگىنىۋالىدۇ. ئاتلانغۇچ ئويناش پائالىيىتى جەريانىدا ئارغامچىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقىنى بالىغا تەڭشىتىپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا ئاساسەن ئاتلانغۇچ ئويناشنى ئۆگىتىش كېرەك.