كومپيۇتېر قانداق دۇنياغا كەلگەن؟
نېمە ئۈچۈن
دۇنيادىكى تۇنجى كومپيۇتېرنىڭ ئىسمى <ENIAC> بولۇپ، ئۇنى ئامېرىكىنىڭ پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مائۇچلىي ۋە ئېككېرت قاتارلىق ياش پەن - تېخنىكا خادىملىرى تەتقىق قىلىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان.
ئەينى چاغدا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ناھايىتى كەسكىنلەشكەنىدى. زەمبىرەك ئوقىنىڭ نىشانىغا دەل تېگىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ، نەچچە يۈز ھېسابلاش خادىملىرىنى تەكلىپ قىلىپ، مېخانىك ھېسابلاش ماشىنىسى بىلەن مۇرەككەپ ھېسابلارنى ئىشلىتىۋاتاتتى. بىراق، بۇنداق ھېسابلىغاندا سۈرئەت ئاستا ھەمدە نەتىجىمۇ توغرا چىقماي قالاتتى. ئۇلار مائۇچلىي، ئېككېرت قاتارلىقلارنىڭ يېڭى تىپتىكى سۈرئىتى تېز ھېسابلاش ماشىنىسى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقۇپ، ئۇلارنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى. شۇنىڭ بىلەن 1945 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا ENIAC دۇنياغا كەلدى.
ENIAC سېكۇنىتىغا 5000 قېتىم قوشۇش - ئېلىش ئەمىلىنى ياكى 500 قېتىم كۆپەيتش - بۆلۈش ئەمىلىنى ئىشلىيەلەيتتى، بۇ ئادەم كۈچى ئارقىلىق ھېسابلاشقا قارىغاندا نەچچە يۈز مىڭ ھەسسە، مېخانىك ھېسابلاش ماشىنىسىدىن نەچچە يۈزدىن 1000 ھەسسىگىچە تېز ئىدى. بۇنداق ھېسابلاش سۈرئىتىنى ھازىرقى كومپيۇتېرنىڭ سۈرئىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئانچە تېز دېگىلى بولمىسىمۇ، ئەمما ئەينى چاغدا ENIAC نىڭ مۇۋەپپەقىيىتى كىشىلەرنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇرغان. چۈنكى، نەچچە يۈزلىگەن ھېسابلاش خادىملىرى بىر نەچچە كۈندىمۇ ھېسابلاپ چىقالمىغان توپ ئوقىنىڭ يېتىپ بېرىش ئارىلىقىنى ئۇ ئۈچ مىنۇتتىلا ھېسابلاپ بولغان! بۇ ئىش پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان.
ENIAC دۇنياغا كەلگەندىن كېيىنكى 50 نەچچە يىل جەريانىدا، كومپيۇتېر ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، تېخنىكىسى كۈندىن - كۈنگە يېڭىلاندى. ھازىرقى كومپيۇتېرلارنىڭ ئىقتىدارى يۇقىرى، ھەجىمى كىچىك بولۇپ، ھەر قايسى ساھە ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتا غايەت زور رول ئوينىماقتا.