نېمە ئۈچۈن سېمىز ھامىلىدار ئاياللار تۇغۇت مەزگىلىدە كۆپرەك دىققەت قىلىشى كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
بەدەن ئېغىرلىق سانى ]بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتمە سانى = بەدەن ئېغىرلىقى (كىلوگرام) / بوي ئېگىزلىكى (مېتىرنىڭ) نىڭ كۋادراتى[ 24 تىن ئاشقانلار سېمىزقاتارىغا كىرىدۇ. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى بەدەن ئېغىرلىقى 15 كىلوگرامدىن ئاشقانلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ. سېمىز ئاياللار ھامىلىدار مەزگىلىدە ۋە تۇغۇت ۋاقتىدا كۆپرەك دىققەت قىلىشى كېرەك، بولمىسا تۆۋەندىكىدەك مەسىلىلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن:
1. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئەگەشمە كېسەللىكلەر كۆپىيىپ، تۇغۇت مەزگىلى قىيىن بولۇش ۋە ئوپېراتسىيىدىن كېيىن ياكى تۇغۇتتىن كېيىن قان كېلىش يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن. ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، سېمىز ئاياللارنىڭ 30%~50% لىرى يۇقىرى قان بېسىمى بولۇپ، 10% لىرىدە ئاقسىل سىيىش ھادىسىلىرى پەيدا بولىدىكەن. نورمال ھامىلىدار ئاياللارغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى قەنت سىيىش كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى بىرھەسسە ئۆرلەيدىكەن. ھامىلىدارلىق يۇقىرى قان بېسىم سندرومىسىنىڭ خەتەرلىك نىسبىتى 15 ھەسسە، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ھامىلىدارلىق ئىككى ھەسسە ئۆرلەيدىكەن. تۇغۇت جەريانىنىڭ ئۇزىرىشى ئىككى ھەسسە، جىنسىي يولنى ئوپېراتسىيە قىلىش ئۈچ ھەسسە. بالىياتقۇنى ئوپېراتسىيە قىلىش ئىككى ھەسسە كۆپىيىدىكەن.
2. چوڭ تۇغۇش نىسبىتى ئۆرلەيدۇ. سېمىز ئاياللارنىڭ ھامىلىدارلىق مەگىلىدىكى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، چوڭ تۇغۇش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك چوڭ بولۇپ، نورمال ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئىككى ھەسسىدىن يۇقىرى بولىدۇ. ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرىكى سېمىز ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ۋاقتىدا تەكشۈرتۈشكە دىققەت قىلىپ، تۇغۇتتىن بۇرۇنقى نازارەتنى كۈچەيتىپ، ھامىلىدارلىق مەزگىلدىكى كېسەللىكنى ۋاقتىدا بايقىشى ۋە داۋالىتىشى كېرەك. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئوزۇقلۇقنى تەڭشەشكە دىققەت قىلىپ، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشىنى 10 كىلوگرامدىن 31 كىلوگرام بولغۇچە كونترول قىلىش. تۇغۇت ۋاقتىدا بالىياتقۇنىڭ تارىيىش كۈچىنى بايقاشقا ماھىر بولۇپ، تۇغۇت جەريانى سىلىق، ھامىلە مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالمايدىغان، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق تۇنجۇقىدىغان ئىشلار يۈز بەرمەسلىكى كېرەك. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار تۇغۇلغاندىن كېيىن (بولۇپمۇ تۇغۇلۇپ ئالتە سائەت ئىچىدە) خىلمۇخىل كېسەللىكنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئەمدۈرۈش ياكى گلۇكوزا سۇيۇقلۇقى بېرىش كېرەك.