UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى سېپتىتسېمىيە (قان چىرىش كېسىلى) دېگەن نېمە؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى سېپتىتسېمىيە (قان چىرىش كېسىلى) دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى سېپتىتسېمىيە — باكتېرىيە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ قان ئايلىنىشىغا كىرىپ ھەم ئۆسۈپ كۆپىيىپ، كۆپ مىقداردا توكسىن ھاسىل قىلىپ كەلتۈرۈپ چىقارغان پۈتۈن بەدەنلىك يۇقۇملىنىشتۇر. ئۇنىڭ كېسەللىنىش نىسبىتى يۇقىرىراق. ھايات تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ 1% ~ 0.1% نى ئىگىلەيدۇ. ھامىلە يېشى قانچە كىچىك، تۇغۇلغاندىكى بەدەن ئېغىرلىقى قانچە يەڭگىل بولسا، كېسەللىنىش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ ھەمدە ئۆلۈش نىسبىتىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى. دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللەندۈرگۈچ باكتېرىيە ئۈزۈمسىمان شار باكتېرىيە ۋە چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسىدىن ئىبارەت. يۇقۇملىنىش يولى تۇغۇتتىن ئىلگىرى، تۇغۇت جەريانى ۋە تۇغۇتتىن كېيىن يۇقۇملىنىش دەپ ئۈچ خىل بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە تۇغۇتتىن كېيىن يۇقۇملىنىش ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئاساسلىقى باكتېرىيە كىندىك، تېرە شىللىق پەردىسىنىڭ زەخىملەنگەن ئورنىدىن كىرىپ ياكى نەپەسلىنىش يولى، ھەزىم قىلىش يولىدىن قانغا ئۆتىدۇ. كېسەللەنگۈچى بوۋاقنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى: روھىي كەيپىياتى ناچار، بىر نەرسە يېمەسلىك، ھەرىكەت قىلماسلىق، ئازابلانماسلىق، چىرايى تاتىرىش، بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۇراقسىز (يۇقىرى قىزىتما، نورمال ياكى ئۆرلىمەسلىك) بولۇش قاتارلىقلار ھەمدە سېرىقلىق چۈشۈش، جىگەر - تال ئىششىپ زورىيىش، داغ، كۆك چۈشۈش، شوك قاتارلىقلارمۇ بىللە كېلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا غەيرىي ئەھۋال بايقالسا، چوقۇم دەرھال دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە