ئالەم بوشلۇقى ئەخلىتى دېگەن نېمە؟
نېمە ئۈچۈن
ئالەم بوشلۇقى ئەخلىتى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم بوشلۇقىغا تاشلىغان ئەخلەتلەرمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس. ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم بوشلۇقىدا قالايمىقان ئەخلەت تاشلىمايدۇ. ئۇلار ئادەتتە ئەخلەتلەرنى يىغىپ يەر شارىغا قايتۇرۇپ كېلىدۇ ياكى ئەخلەتلەرنى ئوبدان ئوراپ، زەمبىرەك ئوقىنى ئاتقاندەك، ئۇلارنى ئاتموسفېرا قاتلىمىغا قويۇپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەخلەت بولاقلىرى ئاتموسفېرا قاتلىمىدا كۆپۈپ تۈگەيدۇ.
ئالەم بوشلۇقى ئەخلىتى دېگەندە، ئالەم بوشلۇقى ئوربىتىسىدا ئايلىنىپ يۈرگەن ھەر خىل سۈنئىي جىسىملاردىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىشتىن توختىغان يەر شارى سۈنئىي ھەمراھى، بەزىلىرى ئۈنۈمىنى يوقاتقان بوشلۇق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى، بەزىلىرى راكېتا قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنكى قالدۇق پارچىلىرى، شۇنىڭدەك ھەر خىل ئالەم قاتنىشى ئۈسكۈنىلىرىنىڭ سوقۇلغان، پارتلىغاندىن كېيىنكى پارچىلىرىدىن ئىبارەت. يەر شارىنىڭ ئەتراپىدا مانا شۇنداق ئالەم ئەخلەتلىرىدىن تەخمىنەن نەچچە ئون مىڭ دانىسى بار بولۇپ، ئۇلار يەر شارى ئەتراپىدىكى ئوخشاش بولمىغان ئوربىتىدا يەر شارىنى چۆرىدەپ ئايلىنىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئالەم قاتنىشى ئۈسكۈنىلىرى ئايلىنىش داۋامىدا بۇ ئالەم ئەخلەتلىرى بىلەن سوقۇلۇپ كېتىدىغان بولسا، بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.
ئىلگىرى فرانسىيىگە تەۋە بىر يەر شارى سۈنئىي ھەمراھى تۇيۇقسىز موللاق ئېتىپ، تىزگىنىنى يوقاتقان. ئالىملار ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئاخىر ۋەقە تۇغدۇرغۇچىنى تېپىپ چىققان، ئەسلىدە بۇ سۈنئىي ھەمراھ <ئارىيانا> ناملىق راكېتا قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بوشلۇقتا قېپقالغان پارچىسىغا سوقۇلۇپ كەتكەنىكەن.
ئەگەر ئالەم بوشلۇقىغا تىزگىنسىز ھالدا ئالەم قاتنىشى ئۈسكۈنىلىرى خالىغانچە قويۇپ بېرىلىۋەرسە، يەر شارى قېلىن بىر قەۋەت ئالەم بوشلۇقى ئەخلەتلىرىنىڭ قورشاۋىدا قېلىپ، نورمال ئالەم قاتنىشى پائالىيىتى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن. ھازىر ئالىملار ئالەم بوشلۇقى ئەخلەتلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەش چارىسى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە