UyghurWiki
UyghurWikiنەمەتولغاق كېسىلىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟

تولغاق كېسىلىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن تولغاق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك: 1. يۇقۇملىنىش مەنبەسىنى ياخشى باشقۇرۇش كېرەك، بۇ كېسەل بىلەن ئاغرىغان بىمارلار بايقالسا، دەرھال ۋاقتىدا ئايرىپ داۋالاش ۋە يېمەك - ئىچمەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملار، يەسلى خىزمەتچىلىرى قەرەللىك ھالدا چوڭ - كىچىك تەرەتلىرىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك. 2. يۇقۇملىنىش مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلاش كېرەك. مۇھىت، يېمەك - ئىچمەك ۋە شەخسىي تازىلىقىنى ياخشىلاپ، بالىلارغا تاماقتىن بۇرۇن ۋە چوڭ - كىچىك تەرەتتىن كېيىن قولنى يۇيۇش ئادىتىنى، يېمەكلىك ۋە ئىچىملىكنى پاكىزلاپ ياكى قايناتقاندىن كېيىن ئىستېمال قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلارغا بارمىقىنى شوراتماسلىق، يېمەكلىكلەرنى بىۋاسىتە قولى بىلەن يېگۈزمەسلىك، پاكىز بولمىغان كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى، سۈپىتى ئۆزگىرىپ كەتكەن ياكى ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن يېمەكلىكنى يېگۈزمەسلىك كېرەك. 3. بالىلاردا ئىچى سۈرۈش ئالامەتلىرى بايقالسا، بالىنىڭ تەرىتىنى تەكشۈرۈپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن داۋالاشنى كۈچەيتىش ۋە ئۈزۈل - كېسىل داۋالاش، بىمارغا نىسبەتەن خەۋەر ئېلىشنى كۈچەيتىپ، يېتەرلىك سۇ تولۇقلاپ، ئوڭاي ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى بېرىش، بىماردا قاتتىق قىزىش ئالامىتى كۆرۈلسە، دەرھال ۋاقتىدا قىزىتمىنى ياندۇرۇش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە