UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلار ئادەم ئۇرۇشقا ئامراق بولۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟

بالىلار ئادەم ئۇرۇشقا ئامراق بولۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن بەزى بالىلار كىچىك دوستلىرى بىلەن بىللە ئوينىغان چېغىدا دائىم باشقىلارنى ئۇرۇۋالىدۇ، بۇنىڭدىن ئاتا - ئانىلار قاتتىق ئاچچىقلىنىدۇ ۋە قانداق قىلىشىنى بىلمەي قالىدۇ. بالىلارنىڭ باشقىلارنىڭ ئۇرۇشى ئۆزىنىڭ مىجەزى، خاراكتېرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ ۋاقىتتا بالىلار كىچىك بولغانلىقتىن ئۇلاردا مۇكەممەل بولغان ھەق - ناھەق قارىشى تىكلەنمىگەن. ئۇ ئادەم ئۇرۇشنى بىرخىل ئالاقىلىشىش شەكلى دەپ قارايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا چوڭلاردىن دورايدۇ. ئەگەر ئائىلىسىدە زوراۋانلىق ئىشلىرى بولسا ياكى ئاتا - ئانا دائىم بالىنى ئۇرسا، ئۇ بۇ خىل ئەھۋالنى دوراپ كىچىك دوستلىرى بىلەن بولغان زىددىيەتنى ھەل قىلماقچى بولىدۇ. شۇڭا، بالىلارنىڭ بۇ خىل ھەرىكىتىنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئاتا - ئانىلار ئالدى بىلەن ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، ئائىلە ئىچىدىكى زىددىيەتنى تىنچ ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلىپ، بالىلار ئۈچۈن بىر دوستانە، ئىللىق ئائىلە كەيپىياتىنى بەرپا قىلىش، قاتتىق پوزىتسىيە بىلەن <ئادەم ئۇرۇشقا بولمايدۇ> غانلىقىنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ كاللىسىدا ئادەم ئۇرسا بولمايدىكەن دېگەن ئۇقۇمنى شەكىللەندۈرۈش، ھەرگىزمۇ غەزەب بىلەن بالىنى ئۇرماسلىق، بالىلارغا كۆپرەك قائىدە چۈشەندۈرۈپ، توغرا يېتەكچىلىك قىلىپ، كىچىك دوستلىرىغا كۆپرەك ياردەم بەرگۈزۈش ۋە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى ياخشى دوستانە مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرۈشكە ياردەم بېرىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە