UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن ئۆسۈملۈك ئۇرۇقى ئالەم بوشلۇقىنى ساياھەت قىلىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن يۇقىرى مەھسۇلات ئالغىلى بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئۆسۈملۈك ئۇرۇقى ئالەم بوشلۇقىنى ساياھەت قىلىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن يۇقىرى مەھسۇلات ئالغىلى بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن ئۆسۈملۈك ئۇرۇقلىرى ئالەم بوشلۇقىغا بېرىپ بىر قېتىم ساياھەت قىلىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بەرگەن مېۋىسى ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرغان: ئالەم بوشلۇقى تاتلىق لازىسىنىڭ بىر دانىسىنىڭ ئېغىرلىقى 200 گرامغا يەتكەن، ۋىتامىن C ۋە ئېرىشچان شېكەرنىڭ مىقدارى ئادەتتىكى تاتلىق لازىنىڭكىدىن 15 - 20 پىرسەنتكىچە يۇقىرى بولغان؛ ئالەم بوشلۇقى پەمىدۇرنىڭ ھەر دانىسىنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 380 - 850 گرام، ئېرىشچان شېكەرنىڭ مىقدارى باشقا سورتلارنىڭكىدىن 25 پىرسەنتتىن ئارتۇق يۇقىرى بولغان. ئۆسۈملۈك ئۇرۇقىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشىنى ئۇ جاينىڭ مۇھىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەر شارىدا، ئۆسۈملۈك ئۇرۇقىنىڭ ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشى بىر خىل ئاستا - ئاستا، تەدرىجىي ئۆزگىرىش جەريانى بولۇپ، ئۇنى ۋاقىت چەكلىمىسى يوق دېيىشكە بولىدۇ. ئالەم بوشلۇقىدا، ئۆسۈملۈك ئۇرۇقى ئالەم نۇرلىرى ئىچىدىكى يۇقىرى ئېنېرەىيىلىك زەررىچىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، بۇ كۆپىنچە خروموزومىدا غەيرىي ئۆزگىرىش پەيدا بولۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. سۈنئىي ھەمراھ قاتارلىق ئالەم ئۇچقۇلىرىنىڭ يەر شارىدىن يىراق ئارىلىقتا ئۇچۇشى تۈپەيلىدىن، يەر شارىنىڭ ئۆسۈملۈك ئۇرۇقىغا بولغان تاتىش كۈچىنىڭ رولى زور دەرىجىدە ئاجىزلايدۇ، مىكرو ئېغىرلىق كۈچى ئاستىدا، بۇنىڭ ئۆسۈملۈك ئۇرۇقىغا قارىتامۇ بەلگىلىك ئۆزگەرتىش رولى بولىدۇ. يەنە سۈنئىي ھەمراھ قاتارلىق ئالەم ئۇچقۇچىلىرى قويۇپ بېرىلگەن ياكى قونغان ۋاقىتتا كۈچلۈك سىلكىنىش ۋە ئىمپۇلىسلىق كۈچ پەيدا قىلىدۇ، بۇمۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئىرسىيەت خاركتېرى ۋە ھالىتىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. ئادەتتە نورمال سورت يېتىشتۈرۈشتە، مەسىلەن، شالغۇتلاشتۇرۇشتا، ئەلا سۈپەتلىك بىر سورتنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ئاز دېگەندە سەككىز - توققۇز يىل، كۆپ بولغاندا ئون نەچچە يىل كېتىدۇ، بەزىلىرى (مەسىلەن، مېۋىلىك دەرەخلەر) گە ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ. ئۆسۈملۈك ئۇرۇقىنىڭ ئالەم بوشۇقىغا بېرىپ بىر قانچە كۈن ساياھەت قىلىپ كېلىشىگە بىر يىل ئۆپچۆرىسىدىلا ۋاقىت سەرپ قىلىنسا بىر يېڭى سورتنى يېتىشتۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن ئالەم بوشلۇقىدا سورت يېتىشتۈرۈشنىڭ شەك - شۈبىھسىز ھالدا مەبلەغ ئاز كېتىدىغان، ئۈنۈمى تېز كۆرۈلىدىغان سورت يېتىشتۈرۈشنىڭ يېڭى ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ
← بارلىق تېمىلار نەمە