بالىلار قايسى جەھەتلەردە پوتېنسىئال ئۈستۈنلۈكنى نامايان قىلىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى جەريانىدا بىر قىسىم <ئاچقۇچلۇق مەزگىل> ۋە <سەزگۈ مەزگىلى> مەۋجۇت بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە، بالىلار مەلۇم تۈردە ماھارەت ئۆگىنىشنى ئېلىپ بارسا، نىسبەتەن ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىدۇ. ئامېرىكا پسىخولوگىيە ئالىمى بۈلۈمىنىڭ تەتقىقاتىدا مۇنداق مىسال كۆرسىتىلگەن. ئۇ 71 ياش ۋاقتىدا يەتمەكچى بولغان ئادەتتىكى ئەقلىي قابىلىيەت سەۋىيىسىنى 100% دەپ قارىغان، ئۇنداقتا تۇغۇلۇپ تۆت ياشقىچە بولغاندا 50% ئەقلىي قابىلىيەتكە ئېرىشكەن، تۆت ياشتىن سەككىز ياشقىچە يەنە 30% ئەقلىي قابىلىيەتكە ئېرىشكەن. بالىلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان تەرەققىياتى بىلەن بۇ سان سېلىشتۇرمىسىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تۆت ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ پوتېنسىئاللىقىنى ئېچىش ئىنتايىن مۇھىم. ئامېرىكا پسىخولوگىيە ئالىمى جىيادىنانىڭ نەزەرىيىسىگە ئاساسلانغاندا، ئەقىل - ئىقتىدار كۆپ مەنبەلىك بولىدۇ. بالىنىڭ پوتېنسىئال ئۈستۈنلۈكىنى ئىپادىلىشىنى كۆزىتىشىچە، ئاتا - ئانىلار تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتلەردىن ئېلىپ بارسا بولىدۇ:
1. تىل - يېزىق: بالدۇراق تىلى چىققان بالىلار ئۆز - ئۆزىگە گەپ قىلىشقا ئامراق كېلىدۇ. باشقىلارنىڭ قىزىق گەپلىرىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىدۇ ياكى باشقىلارنىڭ خاتا سۆزىنى تۈزىتىدۇ. ھېكايىنى جانلىق قىلىپ سۆزلىيەلەيدۇ. ناھايىتى بالدۇرلا كىتاب ئوقۇشقا بولغان قىزىقىشى باشلىنىدۇ.
2. ماتېماتىكىلىق لوگىكا: قىزىقىپ تۇرۇپ كۆپ سورايدۇ. شاھماتقا، كورت ئويناشقا ئامراق كېلىدۇ. ماددىلارنىڭ تۈرىنى ئايرىشقا ماھىر كېلىدۇ، تەڭ باراۋەردە ئالماشتۇرۇشنى ناھايىتى تېز ئۆگىنىۋالىدۇ. مەسىلەن: بىر يۈەن 100 پۇڭغا تەڭ دېگەن.
3. مۇزىكا: ناخشىنى تېز ئۆگىنىۋالىدۇ. ئۇداردىن چىقىپ كەتمەيدۇ، مۇزىكا ئاڭلاشقا ئامراق كېلىدۇ. ئوخشاش بولمىغان مۇزىكىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ. كىچىكىدىن باشلاپ سازلارنى تۇتۇشقا قىزىقىدۇ. سەل چوڭ بولغاندا، بىر قىسىم مۇزىكىلىق ئەسەرلىرىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ.
4. بوشلۇق تەسەۋۋۇرى: تۈزىتىش قابىلىيىتى كۈچلۈك، شەيئىلەرنىڭ ئىنىچكە، نازۇك تەرەپلىرىنى بايقىيالايدۇ. تەسەۋۋۇر كۈچى مول. خەرىتە، گېئومېتىرىيىلىك رەسىملەرنى سىزىشقا ماھىر كېلىدۇ. مېڭىپ ئۆتكەن يول ۋە يەرنى ئېسىدە ساقلىيالايدۇ. يولدىن ئىنتايىن ئاز ئېزىقىپ قالىدۇ.
5. بەدەن ھەرىكەت سەزگۈسى: خىلمۇخىل قورال سايمانلارنى ئىگىلىيەلەيدۇ. موللاق ئېتىش، سۇ ئۈزۈش، ۋېلىسىپىت مىنىشنى ئوڭاي ئۆگىنىۋالىدۇ. رادىئو، سائەت قاتارلىقلارنى چۇۋۇپ قۇراشتۇرۇشقا ماھىر كېلىدۇ. باشقىلارنىڭ ھەرىكىتىنى دوراشقا ماھىر كېلىدۇ. ئۇسۇل ئويناشقا، بەدەن گىمناستىكىسى ئويناشقا ماھىر كېلىدۇ.
6. كىشىلەر ئارا مۇناسىۋەت: باشقىلارنىڭ خاپا بولغان، خۇشال بولغان قىياپىتىنى كۆزىتىپ بىلەلەيدۇ. كىنو، تېلېۋىزور كۆرگەندە ناھايىتى تېزلا كىمنىڭ <ئەسكى> ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ. رول ئويناشقا ئامراق كېلىدۇ. ئويۇن ئوينىيالايدۇ. ناھايىتى تېزلا يات كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە ئويناپ چىقىشىپ كېتىدۇ.
7. ئۆز - ئۆزىنى تونۇش: ئىش قىلغاندا ئۆز كۆز قارىشى بولىدۇ. ئۆزىگە ئىشىنىدۇ، ئۆزى تاللاشقا ئامراق كېلىدۇ ياكى ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئامراق كېلىدۇ.