دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مارجان خادا تاشلار قايسى؟
نېمە ئۈچۈن
ئاۋسترالىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى تىنچ ئوكياندا 3000 دىن ئارتۇق ئارال خادا تېشى ۋە تېيىز دېڭىز ساھىلىغا جايلاشقان مارجان خادا تاشلىرى تۈركۈمى بار. مانا بۇلار داڭلىق چوڭ توسما خادا تاش رايونىنى ھاسىل قىلغان. چوڭ توسما خادا تاشلىرى جايلاشقان بۇ رايوننىڭ ئۇزۇنلۇقى 2013 كىلومېتىر، كەڭلىكى 16 - 20 كىلومېتىر، ئەڭ كەڭ جايى 240 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 259 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مارجان خادا تاشلىرى رايونى ھېسابلىنىدۇ.
مارجان خادا تاشلىرى دېڭىز - ئوكيانلاردا ئۆلۈپ قالغان مارجان قۇرتلارنىڭ قالدۇقىدىن شەكىللەنگەن. دېڭىز - ئوكيانلاردا مارجان قۇرتلارنىڭ سانى غايەت كۆپ بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى مارجان قۇرتلار ئىلگىرىكى مارجان قۇرت خادا تاشلىرى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ - يېتىلىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، 10 مىليون يىللاردىن بۇيان، غايەت زور مارجان خادا تاشلار تۈركۈمى شەكىللەنگەن، چوڭ توسما خادا تاشلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىزدا مارجان قۇرتلارنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىشىگە ماس كېلىدىغان سۇ تېمپېراتۇرىسى، يېتەرلىك تۇز مىقدارى قاتارلىق شارائىتلار ھازىرلانغان، شۇڭا بۇ يەردىكى مارجانلار ھەم كۆپ، ھەم ياش، كۆزىتىشكە ئاساسلانغاندا، چوڭ توسما خادا تاشلىرىنىڭ ئۈستىدىكى مارجان تەنچىلىرىنىڭ قېلىنلىقى 200 مېتىردىن ئاشىدىكەن، بۇ ئۇنىڭ بىر قانچە ئون مىليون يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
چوڭ توسما خادا تاشلىرى رايونى ئاۋسترالىيىگە ھەتتا پۈتۈن دۇنياغا مەشھۇر دېڭىز ئۈستى مەنزىرىلىك رايونىدۇر. بۇ يەردە 350 خىلدىن ئارتۇق رەڭگارەڭ مارجانلار بار، ئۇلارنىڭ بەزىسى مەغرۇر قارىئۆرۈك دەرىخىگە، بەزىسى بۈك - باراقسان ئۆسكەن دەرەخ شېخىغا، بەزىسى قانات يايغان توزغا ئوخشىسا، بەزىسى نەپىس ئويۇلغان ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇمىغا ئوخشىشىدۇ... ئەگەر ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئېڭىشىپ قارىسىڭىز، چوڭ توسما خادا تاشلىرى گويا پورەكلەپ ئېچىلغان گۈلگە ئوخشاش بىپايان تىنچ ئوكياندا لەيلەپ تۇرىدۇ، ھەقىقەتەن ھەر خىل قىياپەت، ھەر خىل رەڭدە بولۇپ، كۆرۈپ تويمىغۇدەك چىرايلىق مەنزىرىنى نامايان قىلىدۇ.