UyghurWiki
UyghurWikiنەمەھايۋانلار «چەكلەنگەن رايون چەمبىرىكى» سىزالايدۇ؟

ھايۋانلار «چەكلەنگەن رايون چەمبىرىكى» سىزالايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بەزىلەر ئاغىمخاننىڭ ئاشۇنداق «چەكلەنگەن رايون چەمبىرىكى» سىزالايدىغانلىقىنى كۆرگەن. شۇ چاغدا، ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىردىن ئاشىدىغان بىر يىلان ئۈزۈم شۇڭىغا يامىشىپ كېلىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز بىر ئاغمىخان ئېتىلىپ چىقىپ، يىلاننىڭ ئەتراپىنى بىر چۆرگىلەپ چىققاندىن كېيىن، ئىتتىكلا كېتىپ قالغان. غەلىتە يېرى شۇكى، يىلان شۇ ھامان ئورنىدا مىدىر - سىدىر قىلماي تۇرۇپ قالغان. ئۇ تىلىنى چىقىرىشىتىن باشقا ھېچقانداق ئىش قىلالمىغان. بىردەمدىن كېيىن، بەش دانە ئاغمىخان كېلىپ ھېلىقى نەس باسقان يىلاننى بەش پارچىغا بۆلۈپ، ھەر بىر پارچىدىن ئېلىپ كېتىپ قالغان. ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى چوڭ ھىنگان تاغلىرىدا ياشايدىغان بۆرە بورسۇقنىڭ كارامىتى تېخىمۇ قالتىس. ئۇ قورسىقى ئاچقاندا سۈيدۈكى ئارقىلىق يەرگە چوڭ چەمبىرەكتىن بىرنى سىزىدۇ، چەمبىرەككە كىرىپ قالغانلىكى ھەر قانداق كىچىك ھايۋان خۇددى قېتىپ قالغاندەك چەمبىرەكتىن بىر قەدەممۇ ئايرىلماي، شۇ يەردە بۆرە بورسوقنىڭ كېلىشىنى ياۋاشلىق بىلەن كۈتۈپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، چەمبىرەك سىرتىدىكى چىلبۆرە، بۆرە، يولۋاس، يىلپىز قاتارلىق يىرتقۇچ ھايۋانلارمۇ چەمبىرەك ئىچىگە كىرىشكە پېتىنالمايدۇ. بەزى ھايۋانلارنىڭ «چەكلەنگەن رايون چەمبىرىكى» سىزىشى يېمەكلىك مەسىلىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن. لېكىن يەنە بەزىلىرىنىڭ بۇنداق قىلىشتا باشقا غەرىزى بار. قىسقىسى، ھايۋانلارنىڭ «چەكلەنگەن رايون چەمبىرىكى» سىزىشى تولىمۇ قىزىقارلىق، لېكىن ئۇ تا ھازىرغىچە كىشىلەرگە سىر بولۇپ كەلمەكتە.
← بارلىق تېمىلار نەمە