UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن ئېتىزلاردىكى زىيانداش ھاشاراتلارنى يوقىتىپ بولغىلى بولمايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئېتىزلاردىكى زىيانداش ھاشاراتلارنى يوقىتىپ بولغىلى بولمايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئېتىزدىكى زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان نەرسە ھاشارات زىيانداشلىقى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دېھقانلار ھەر يىلى پۇل خەجلەپ دېھقانچىلىق دورىسى سېتىۋېلىپ ھاشاراتلارنى يوقىتىدۇ، لېكىن زىيانداش ھاشاراتلارنى يەنىلا يوقىتىپ تۈگىتەلمەيدۇ. بۇنىڭدا ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تۈرلۈك سەۋەب بار. بىرىنچى، زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ تۈرى كۆپ. شالنى مىسالغا ئالساق، ئۇنىڭ پۈتكۈل ھاياتىدا ئون نەچچە خىل زىيانداش ھاشارات بولۇپ، بىر خىل دېھقانچىلىق دورىسىنى چاچقاندا كۆپ ھاللاردا پەقەت ئاز ساندىكى بىر قانچە زىيانداش ھاشاراتنىڭلا ئالدىنى ئالغىلى ھەم ئۇلارنى يوقاتقىلى بولىدۇ، بارلىق زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ھەم ئۇلارنى يوقاتقىلى بولمايدۇ. ئىككىنچى، زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ. مەسىلەن، يوپۇرماق پىتىنى ئالساق، ھەر يىلى باش باھاردا ئۇ تۇخۇمدىن چىقسىلا بىر - ئىككى ئەۋلاد ئۇرۇقسىز كۆپىيەلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىسى ئانا يوپۇرماق پىتى بولىدۇ؛ ئەتىيازنىڭ ئاخىرى ۋە يازنىڭ باشلىرىدا، يېڭى ئەۋلاد يوپۇرماق پىتلىرى قانات چىقىرىپ باشقا زىرائەتلەرگە ئۇچۇپ بېرىپ، يەنە بىر قانچە ئەۋلاد كۆپىيىدۇ؛ كۈز كەلگەندە يەيدىغان نەرسىلەر ئازىيىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق جىنىسلىق كۆپىيىش مەزگىلىگە قەدەم قويىدۇ. يوپۇرماق پىتى پۈتۈن ئۆمرىدە نەچچە ئون ئەۋلاد كۆپىيىپ، <ھاشاراتلار تاكتىكىسى> بىلەن ئۇتۇپ چىقىدۇ. ئۈچىنچى، زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ھاياتىي كۈچى كۈچلۈك بولىدۇ. ئادەتتە چاچقان دېھقانچىلىق دورىلىرى ھەرىكەتلىنىۋاتقان لىچىنكا، نىمفا ۋە يېتىلگەن ھاشاراتلارنىلا ئۆلتۈرەلەيدۇق، بىراق ھەرىكەتلەنمىگەن تۇخۇم ۋە لىچىنكىلارغا قارىتا ئۇنىڭ ئاساسەن رولى بولمايدۇ. سىتاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئادەتتىكى دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقىتىش ئۈنۈمى 90% بولىدىكەن. ئۆلۈمدىن ئامان قالغان زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئەۋلادلىرىدا دېھقانچىلىق دورىلىرىغا نىسبەتەن تاقابىلچانلىق پەيدا بولىدۇ. يەنە بەزى زىيانداش ھاشاراتلار سوغۇققا، ئاچلىققا چىداملىق، 15 سېلسىيە گرادۇسلۇق تېمپېراتۇرىدىمۇ توڭلىمايدۇ، بىر قانچە ئاي بىر نەرسە يېمىسىمۇ ئۆلمەيدۇ. تۆتىنچى، زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ كۆچۈش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ. زىيانداش ھاشاراتلار قارىماققا كىچىك ھەم ئاجىز بولغان بىلەن ناھايىتى كۈچلۈك كۆچۈش ئىقتىدارىغا ئىگە. مەملىكىتىمىزدە ھەر يىلى ئەتىيازنىڭ ئاخىرى ۋە يازنىڭ باشلىرىدا جەنۇبتىكى زىيانداش ھاشاراتلار شىمالغا كۆچىدۇ؛ كۈزنىڭ ئاخىرى ۋە قىشنىڭ باشلىرىدا شىمالدىكى زىيانداش ھاشاراتلار يەنە جەنۇبقا كۆچىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە