UyghurWiki
UyghurWikiنەمەكەلگۈسىدىكى قاتناش قوراللىرى قانداق بولىدۇ؟

كەلگۈسىدىكى قاتناش قوراللىرى قانداق بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن پەن - تېخنىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئالىملار بىزگە كەلگۈسىدىكى خىيالىي قاتناش خەرىتىسىنى سىزىپ بېرىۋاتىدۇ. بىرىنچى، كەلگۈسىدىكى قاتناش قواللىرىنىڭ ھەممىسى كومپىيۇتېر ئارقىلىق ئاپتوماتىك كونترول قىلىنىدۇ، سەنئىي ھەمراھ بىلەن ئورۇن بەلگىلەش - يول باشلاش سىسېتمىسى ھەر خىل قاتناش قوراللىرىدا ئىشلىتىلىدۇ، ۋاقىتنىڭ توغرىلىق نىسبىتى ۋە بىخەتەرلىكى زور دەرىجىدە كۆتۈرۈلىدۇ. ئىككىنچى، كەلگۈسىدە قاتناش قوراللىرىنىڭ مېڭىش سۈرئىتى ھازىرقىدىن نەچچە ھەسسە ھەتتا ئون نەچچە ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. مەسىلەن، چىداملىقى يۇقىرى بولغان بىرىكمە ماتېرىياللار بىلەن ئاپتوموبىل گەۋدىسى ياكى ماشىنا گەۋدىسى ياسىلىدۇ، يۇقىرى تېمپىراتۇرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان چاقچۇقلاردىن گېنېراتور ياسىلىدۇ. ئۈچىنچى، كەلگۈسىدىكى قاتناش ئەھۋالىدا ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بارلىققا كېلىدۇ. مەسىلەن، پۈتۈنلەي كومپىيۇتېر بىلەن كونترول قىلىنىدىغان سۇ، قۇرۇقلۇق، ھاۋادا ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئاپتوموبىلنى يەر يۈزىدىكى يولدا ھەيدىگىلى بولىدۇ؛ پويىزلارنىڭ سۈرئىتى ئاۋازنىڭ سۈرئىتىدىن تېز بولىدۇ. كەلگۈسىدە يەنە ئالاھىدە سەپلەنگەن ۋاكۇئوملۇق تونىللاردا ماڭىدىغان پويىزلارنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى ئاۋازنىڭ سۈرئىتىدىن تېز بولىدۇ.كەلگۈسىدە يەنە ئالاھىدە سەپلەنگەن ۋاكۇئوملۇق تونىللاردا ماڭىدىغان سوپېر ئۆتكۈزۈشچان ماگىنىتلىق سۇسپېنزىيلىك يېڭى تىپتىكى پويىزلارنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 1000 كىلومېتىردىن ئېشىپ كېتىدۇ. كەلگۈسىدىكى ئايروپىلانلار قوش گەۋدىلىك بولۇپ، 2000 دىن ئارتۇق يولۇچى ئولتۇرالايدۇ، سۈرئىتى تېز، مۇقىملىقى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. تۆتىنچى، كەلگۈسىدىكى قاتناش قوراللىرى يەنە ئاپتوماتىك پىيادىلەر يولىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ خىل ئاپتوماتىك پىيادىلەر يولىدا يولغا تۈز ھالەتتىكى لىفت ياتقۇزۇلىدۇ. ئۇ توختىماستىن ئالدىغا مېڭىپ تۇرىدۇ. لىفتقا دەسسەپ تۇرسىلا كىشىلەرنى بارماقچى بولغان يېرىگە ئاپىرىپ قويىدۇ. بەشىنچى، كەلگۈسىدىكى قاتناش قوراللىرىغا ئومۇميۈزلۈك تازىلانغان ئېنېرگىيە ئىشلىتىلىدۇ. مۇھىتنى قايتا بۇلغىمايدۇ، مەسىلەن، قۇياش ئېنېرگىيىسى، يادرو ئېنېرگىيىسى قاتارلىقلار.
← بارلىق تېمىلار نەمە