UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى باشنىڭ قانلىق ئىششىقى قانداق شەكىللەنگەن؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى باشنىڭ قانلىق ئىششىقى قانداق شەكىللەنگەن؟

نېمە ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى باشنىڭ قانلىق ئىششىقى تۇغۇتتا تۆرەلمىنىڭ بېشى زىيادە بېسىمغا ئۇچراش ھەم داس سۆڭىكى بىلەن سۈركىلىشتىن ياكى تۇغۇتتا قىينالغاندا تۇغدۇرۇش ئوپېراتسىيىسى ئېلىپ بارغاندا مەسىلەن: مەنپىي بېسىم بىلەن سۈمۈرۈش، تۇغۇت قىسقۇچىدا تۇغدۇرۇش قاتارلىقلاردا باش سۆڭىكى پەردىسى سۈرۈلۈش كەلتۈرۈپ چىقارغان سۆڭەك پەردە ئاستى قان تومۇرى يېرىلىپ قان سۆڭەك پەردىسى ئاستىغا يىغىلىشتىن شەكىللىنىدۇ. باشنىڭ قانلىق ئىششىقى ئادەتتە بوۋاق تۇغۇلۇپ نەچچە سائەتتىن نەچچە كۈنگىچە بولغان ئارىلىقتا كۆرۈلۈپ، چوققىنىڭ بىر تەرىپىگە ئورۇنلىشىدۇ. ئاندا - ساندا ئىككى تەرەپتە بولۇپ، ئىششىق دائىم تېز سۈرئەتتە چوڭىيىپ نەچچە كۈندىلا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ. ئاندىن بارا - بارا سۈمۈرۈلۈپ كىچىكلەيدۇ. باشنىڭ قانلىق ئىششىقى سۆڭەك تۇتىشىش سىزىقىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. دەسلەپكى مەزگىلىدە تولغان سەزگۈدە بولۇپ، كېيىن سۇيۇقلۇق دولقۇنلىغان سەزگۈدە بولىدۇ. بىر مەزگىلدىن كېيىن باشتىكى قانلىق ئىششىق ئەتراپىدىن باشلاپ كالتسىيلىشىپ سىڭىىشپ، قانلىق ئىششىقنىڭ ئەتراپى قېتىشسىمۇ ئوتتۇرىسىدا يەنىلا دولقۇنلىنىش سەزگۈسى بولىدۇ. ھەتتا باشنىڭ قانلىق ئىششىقى تۇغۇلۇپ ئىككى ھەپتىدىن بىر ئايغىچە ئەتراپتا سۈمۈرۈلۈپ بولىدۇ. ئايرىملىرى تۆت ئايغىچە سوزۇلىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، باشنىڭ قانلىق ئىششىقىنى داۋالىمىسىمۇ بولىدۇ. تېشىپ قاننى چىقىرىشقا بولمايدۇ. يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئادەتتە قول بىلەن سىيلاشقىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى بۇنداق قىلغاندا ئىششىق يانمايلا قالماي ئەكسىچە قاناشنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىۋېتىشى مۇمكىن.
← بارلىق تېمىلار نەمە