بەش ئايلىق بوۋاقنى بېقىشنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟
نېمە ئۈچۈن
بەش ئايلىق بوۋاقلارنىڭ يېمەكلىكى يەنىلا ئانا سۈتى ۋە باشقا سۈت ئورنىدىكى بۇيۇملارنى ئاساس قىلىدۇ. بېقىش ئۇسۇلى ۋە ۋاقىتنى ئۆتكەن ئايدىكى بويىچە ئېلىپ بارسا بولىدۇ. قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇش جەھەتتە، ئەگەر بوۋاقنىڭ ھەزىم قىلىش ئەھۋالى ياخشى، چوڭ تەرىتى نورمال بولسا، يەنە مېۋە بوتقىسى، كۆكتات بوتقىسىدىن ئىشتىھاسىغا قاراپ بېرىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە بوۋاقنىڭ ئېغىرلىقى ۋە ھەرىكىتى كۆپىيىپ بارىدىغانلىقتىن، يۇقىرىقى يېمەكلىكلەردىن سىرت يەنە كراخمال تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر (مەسىلەن: گۈرۈچ ئۇنى ئۇمىچى، شوۋىگۈرۈچ، يۇمشاق ئۈگرە قاتارلىقلار) ۋە ئۆسۈملۈك مېيى تولۇقلاشقا موھتاج، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا بوۋاقنىڭ ھەزىم قىلىش يولىدىكى ئامىلازانىڭ ئاجرىتىلىشى كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ. ۋاقتىدا كراخمال تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى تولۇقلاپ بەرگەندە، سۈت مەھسۇلاتلىرىدىكى ئېنېرگىيىنىڭ يېتىشمەسلىكىنى تولۇقلاپلا قالماي، يەنە بوۋاقلاردا قوشۇق ئىشلىتىش ۋە چايناش ئادىتىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە بىر قىسىم ياپىلاق بېلىق، سېرىق بېلىق قاتارلىق بېلىق تۈرلىرىدىن بېلىق بوتقىسى تەييارلاپ بەرسە بولىدۇ. چۈنكى، بېلىق گۆشى تەركىبىدە بىر ئاز مول بولغان فوسفات، ئاقسىل بار شۇنداقلا گۆشى يۇمشاق بولغانلىقتىن ئاسان ھەزىم بولىدۇ. بوۋاقلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ئىنتايىن مۇۋاپىق. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنىلا داۋاملىق بېلىق جىگىرى مېيىنى ھەر قېتىمدا ئىككى تامچىدىن كۈندە ئىككى قېتىم بېرىش كېرەك.