UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئۆتكۈر يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك كېكىردەك ياللۇغى دېگەن نېمە؟

ئۆتكۈر يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك كېكىردەك ياللۇغى دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن ئۆتكۈر يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك كېكىردەك ياللۇغى كېكىردەك قىسمىنىڭ شىللىق پەردىسىنىڭ ئۆتكۈر يامراشلىق ياللۇغى، دائىم بوۋاق بالىلاردا قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدە كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۇ كېسەلنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى، كېسەللىنىشى تېز، ئالامىتى ئېغىر (كېچىدە كېكىردەك مۇسكۇل بوشىشىشتىن ئاجرالمىلار توسۇلۇپ قېلىپ كېسەللىك ئالامىتىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ)، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىياتى تېز، ئېغىر بولغاندا كېكىردەك توسۇلۇپ قالىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىسا نەپەس ئېلىش قىيىنلىشىشتىن تۇنجۇقۇپ ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ كېسەلنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى، كېسەللەنگۈچىنىڭ يۆتەل ئاۋازى ئالاھىدە بولۇپ، تاڭ - تاڭ ئاۋازى ياكى كۈچۈكنىڭ ئاۋازىدەك ئاۋاز چىقىرىدۇ. تېبابەتتە ھاۋىشىغاندەك يۆتەل دېيىلىدۇ؛ ئاۋازى ئوخشىمىغان دەرىجىدە پۈتۈپ قالىدۇ؛ نەپەس سۈمۈرگەندە خىرقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ؛ ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى نەپەس سۈمۈرۈش خاراكتېرلىك نەپەسلىنىش قىيىنلىشىدۇ. مەسىلەن: نەپەسلىنىش تېزلىشىش، نەپەس سۈمۈرگەندە كۈچەش قاتارلىقلار، شۇنداقلا قىزىش بىللە كېلىدۇ، ئېغىر بولغاندا كېسەللەنگۈچىدە يەنە بىئاراملىق، چىرايى تاتىرىش، ئېغىز ئەتراپى كۆكىرىش، يۈرەك رېتىمى تېزلىشىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. ئەگەر بوۋاقتا تۇيۇقسىز يۇقىرىقىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلگەن ھامان ۋاقتىدا تەكشۈرۈتۈپ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
ئۆتكۈر يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك كېكىردەك ياللۇغى دېگەن نېمە؟ | UyghurWiki | UyghurWiki