UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلار نېمىشقا ئۇخلاشقا ئامراق؟

بالىلار نېمىشقا ئۇخلاشقا ئامراق؟

نېمە ئۈچۈن ئاساسەن دېگۈدەك بارلىق ئانىلار بالىنىڭ ئۇخلىغان ۋاقتى بىلەن قېتىم سانىنىڭ بالىنىڭ يېشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. يەنى يېشى قانچە كىچىك بولسا، ئۇخلايدىغان ۋاقتى ۋە قېتىم سانى كۆپ بولىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسى تولۇق يېتىلمىگەچكە، چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتى ۋە نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ روھلىنىشى نىسبەتەن ئاجىز، چارچاشقا بەرداشلىق بېرىش كۈچى نىسبەتەن ناچار بولۇپ، ئوڭاي چارچاپ قالىدۇ. بۇ يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ كۆپ ئۇخلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا بىز دائىم يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بىر كۈن ئىچىدە ئېمىتىش، تەرەت لاتىسىنى ئالماشتۇرۇش، يۇيۇشتىن باشقا ۋاقىتلاردا ئاساسەن دېگۈدەك ئۇخلايدىغانلىقىنى كۆرىمىز. ئۇخلاش بالىلارغا سىرتقى دۇنيانىڭ ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، تىنچ، خاتىرجەم مۇھىت ئاتا قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق بالىنىڭ خىلمۇخىل فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارى توختىماستىن ياخشىلىنىدۇ ھەم تېزراق يېتىلىدۇ. بۇ بالىغا نىسبەتەن نورمال فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتە ئۇ ئۆزىنى قوغداش ھادىسىسى بولۇپ، بالىنىڭ ئاجىز بولغان چوڭ مېڭە ھۈجەيرىلىرىنى سىرتقى دۇنيانىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچراتماي قوغدايدۇ. نۇرغۇنلىغان بالىلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇخلاش تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئېمىۋاتقان ۋاقىتتىمۇ ئاز - تولا ئۇخلىۋالىدۇ. بىراق، بالىنىڭ ھەر قېتىملىق ئۇخلاش ۋاقتى ئۇزۇن بولمايدۇ، يېشى قانچە كىچىك بولسا ئويغىنىپ كېتىش قېتىم سانى شۇنچە كۆپ بولىدۇ. بولۇپمۇ كېچىدە كۆپ ئويغىنىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئانا بالىنى ئېمىتسە بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە