UyghurWiki
UyghurWikiنەمەھەربىر بالىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى نېمە ئۈچۈن ئوخشىمايدۇ؟

ھەربىر بالىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى نېمە ئۈچۈن ئوخشىمايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بالىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى — ئىرسىيەت، مىجەز ۋە تاماق قاتارلىق ئامىللاردىن بولىدۇ. بەدەن شەكلى ئوخشاش بولمىغان بالىلارنىڭ مېتابولىزمى ئوخشاش بولمايدۇ، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئورۇق بولغان بالىلارنىڭ مېتابولىزمى بىر ئاز ياخشى، شۇڭا ئۇلار ئوڭايلىقچە سەمرىمەيدۇ بىراق ئېگىزلىكى ئوتتۇرىچە سەۋىيىدىن ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ، پاكار ۋە سېمىز بالىلارنىڭ ئەكسىچە، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى بوي ئېگىزلىكىدىن تېز بولىدۇ. بالىنىڭ مىجەزىمۇ بەدەن ئېغىرلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەرىكەت قىلىشنى خالىمايدىغان بالىلارنىڭ سەرپىياتى ئاز، ھەرىكەت قىلىشقا ئامراق بالىلارنىڭ سەرپىياتى كۆپ بولغاچقا، ھەرىكەت قىلىشنى خالىمايدىغانلارغا قارىغاندا بەدەن ئېغىرلىقى ئاشمايدۇ. يېمەك - ئىچمەكمۇ بالىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى بەلگىلەشتىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى، كۆپ ئەمسە سۈتنى تولۇق قوبۇل قىلىدۇ. سۈتنىڭ مىقدارى كۆپ بولغاچقا، بالىلارنىڭ ئېغىرلىقى تەبىئىيلا ئاشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
ھەربىر بالىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى نېمە ئۈچۈن ئوخشىمايدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki