نېمە ئۈچۈن كوكۇس پالمىسى ئىسسىق بەلۋاغدىكى دېڭىز بويلىرىدا ياكى ئاراللاردا ئۆسىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
كوكۇس پالمىسى بىر خىل ئىسسىق بەلۋاغ ئۆسۈملۈكى بولۇپ، دەرەخنىڭ ئۇچىدا بىر توپ ياپيېشىل پەيسىمان يوپۇرمىقى بولىدۇ، ئۈستىدە پۇتبۇل تپى چوڭلۇقىدىكى نۇرغۇن كوكۇس ياڭاقلىرى ئېسىلىپ تۇرىدۇ. كوكۇس پالمىسى دېڭىز بويلىرىدا غايەت چوڭ كۈنلۈككە ئوخشاش تىك قەد كۆتۈرۈپ، دېڭىز بىلەن بىرلىكتە چىرايلىق ئىسسىق بەلۋاغ مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلغان. دېڭىز بويلىرىدا شامال كۈچلۈك بولغاچقا، تۇپراق دېڭىز تاشقىنى تەرىپىدىن ھۆللىنىپ، تۇپراقنىڭ تۇز تەركىبى يوقىرىلايدۇ. كوكۇش پالمىسىنىڭ ئۇ جايلاردا ماكانلىشىپ ئۆسەلىشىنىڭ ئۆزىگە خاس داۋلىسى بار. بىزگە مەلۇمكى، كوكۇس ياڭىقى كوكۇس پالمىسىنىڭ ئەۋلاد قالدۇرۇشتىكى ئەلچىسى، كوكۇس ياڭاقلىرى پىشقان ۋاقىتتا، دېڭىز شامىلىنىڭ ئۇرۇشى بىلەن غولدىن ئاجراپ دېڭىزغا چۈشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دېڭىز سۈيىدىن پايدىلىنىپ ئەۋلادىنى تارقىتىدۇ. كوكۇس ياڭىقى بىر خىل ئۈچكىلىك مېۋە بولۇپ، مېۋە پوستى بوش ياغاچ ماددىسىدىن، ئوتتۇرىسى قاتتىق قوڭۇر تالا قەۋىتىدىن تۈزۈلگەن. ئۇلار پىشقاندىن كېيىن سۇغا تۆكۈلۈپ، دېڭىزدا شاردەك لەيلەپ يۈرىدۇ، سېسىپ كەتمەيدۇ ياكى چۆكۈپ كەتمەيدۇ ھەمدە دېڭىز سۈيىنىڭ ئېقىتىشى بىلەن نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى جايلارغا يېتىپ بارىدۇ. ئۇلار تېيىز دېڭىز ساھىللىرىغا چىقىپ قالغان ياكى دولقۇنلار ئۇلارنى قىرغاققا سۈرۈپ چىقارغاندىن كېيىن ئۆسۈشكە باب كېلىدىغان شارائىتقا دۇچ كەلسىلا، ئۇ جايدا بىخ سۈرۈپ ئۆسىدۇ. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن يېڭى كوكۇس پالمىلىرى دېڭىز بويلىرىدا قەد كۆتۈرىدۇ. كوكۇس پالمىلىرىنىڭ شور تۇپراقتىن قورقمايدىغانلىقىغا كەلسەك، بۇ ئۇلارنىڭ تەبىئەتتىكى بىر خىل تاللىشىدۇر. ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ دېڭىز ياقىلىرىدا ئۆسۈپ، ماكانلىشىپ قالغانلىقى ئۇلارنىڭ بۇ خىل شارائىتقا ماسلىشىپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بىر كىشى كوكۇس پالمىلىرىنى يۈننەننىڭ جەنۇبىغا ئەكېلىپ تىكىپ، ئۇلارنىڭ يىلتىز تۈۋىگە بىر ئاز تۇز كۆمگەن، بۇنىڭ بىلەن كوكۇس پالمىلىرى تېخىمۇ ياخشى ئۆسكەن.