ئاپتوماتىك قورللارنى كىم كەشىپ قىلغان؟
نېمە ئۈچۈن
تەخمىنەن 200 يىل بۇرۇن، ئەنگىلىيىلىكلەر تۇنجى تاپانچىنى ياساپ چىقتى. كېيىن، بۇ قورال كۆپ ياخشىلانغان بولسىمۇ، بىراق نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يەنىلا تەسكە چۈشتى. مەسىلەن، بۇنداق كونا پاسوندىكى قورالنى ھەر قېتىم ئاتقاندا، مىشەكنى ئېلىۋېتىپ قايتىدىن ئوق سېلىشقا توغرا كېلەتتى. بۇ ئاۋارىچىلىكى تولا ئىش بولۇپ، جەڭگاھنىڭ ئېھتىياجىغىمۇ ئويغۇن كەلمەيتتى. ئۇنداق بولسا، قانداق قىلغاندا قورالدىن ئاپتوماتىك ھالدا ئۈزمەي ئوق ئاتقىلى بولىدۇ؟ بۇ قىيىن مەسىلە 1884 - يىلىغا كەلگەندە ھەل بولدى.
ئەينى چاغدا، ئامېرىكىنىڭ قورال - ياراغ مۇتەخەسسىسى ماكسىم ئەسكەرلەر مىلتىق ئاتقاندا، مۈرىسى ھەمىشە مىلتىقنىڭ ئارقىغا تېپىش كۈچىنىڭ زەربىسىدىن كۆكىرىپ، ئىششىپ قالىدىغانلىقىنى بايقىدى. بۇ مىلتىق ئوقىدىن چىقىدىغان پوروخ گازىنىڭ كۈچلۈك ئېنېرگىيىسى بارلىقىنى چۈشەندۈرەتتى، بۇ ئېنېرگىيە ئارقىغا تېپىش كۈچى شەكلىدە بىكارغا كېتىپ باراتتى. شۇنىڭ بىلەن ماكسىم پوروخنىڭ گازىدىن چىقىدىغان ئېنېرگىيىدىن پايدىلىنىپ، مىلتىققا ئوق سېلىش، مىشەك ياندۇرۇش قاتارلىق مېخانىكىلىق جەريانلارنى ئورۇندىماقچى بولدى. ماكسىم تەكرار سىناق قىلىش ئارقىلىق يېڭى پىلىموتنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى. بۇنداق پىلىموتتىن ئوق ئېتىلغان شۇ قىسقىغىنە پەيتتە، پوروخ گازىنىڭ ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىپ ئوقلۇق ئېچىلىپ، قۇرۇق مىشەك ياندۇرۇپ چىقىرىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوق يەتكۈزۈش قۇرۇلمىسى ئاپتوماتىك ئورنىغا قايتۇرۇلاتتى، بۇنىڭ بىلەن ئاپتوماتىك ھالدا ئۈزمەي ئوق ئېتىش ئىشىغا ئاشۇرۇلدى، شۇنداقلا پىلىموتنىڭ ئارقىغا تېپىش كۈچىمۇ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى.
ماكسىم پىلىموت دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇنقى ئاپتوماتىك قورال بولۇپ، مىنوتىغا 600 پاي ئوق ئاتالايتتى. بۇ ئەينى چاغدا ھەقىقەتەن بىر خىل مۆجىزە ئىدى. بۇنداق پىلىموت بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا داڭق چىقاردى. شۇنداقلا ئۇنىڭ لايىھىلىنىش قائىدىسى ھازىرغا قەدەر يەنىلا كەڭ قوللىنىلىپ كەلمەكتە. شۇڭا، ماسكىم زامانىۋى ئاپتوماتىك قورللارنىڭ ئاتىسى<دەپ تەرىپلىنىدۇ